16 ھەر دائىم خۇشال-خۇرام بولۇڭلار.
ئۈمىد ئىچىدە شاد-خۇرام ياشاڭلار، قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىڭلار. ھەر ۋاقىت دۇئادا بولۇڭلار.
رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ھەمىشە شاد-خۇرام بولۇڭلار. يەنە تەكرارلايمەنكى، شاد-خۇرام بولۇڭلار!
شاد-خۇرام بولۇڭلار. چۈنكى، ئەرشتە سىلەر ئۈچۈن كۆپ ئىنئام ساقلانماقتا. بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرمۇ مۇشۇنداق زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىغان.
قايغۇ-ئەلەمدە بولساقمۇ، ھەمىشە شاد-خۇراممىز. نامرات بولساقمۇ، نۇرغۇن كىشىلەرنى روھىي جەھەتتە باي قىلىۋاتىمىز. ھېچ نەرسىمىز يوق بولسىمۇ، ھەممىگە ئىگىمىز.
لېكىن، سىلەر جىنلارنىڭ بويسۇنغانلىقى بىلەنلا خۇشال بولۇپ كەتمەڭلار، بەلكى خۇدانىڭ نامىڭلارنى ئەرشتىكى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈشى بىلەن خۇشال بولۇڭلار، - دېدى.
- تەقسىر، ھەمىشە بىزگە بۇنداق نان بېرىپ تۇرغايسىز! - دېيىشتى ئۇلار.