Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 3:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 سىلەر ئۈچۈن خۇشاللىققا چۆمدۇق. بۇنداق ئەھۋالدا بىز خۇدانىڭ ئالدىدا سىلەر ئۈچۈن قانداقمۇ تەشەككۈر ئېيتماي تۇرالايمىز!

Gade chapit la Kopi




سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 3:9
17 Referans Kwoze  

تىل بىلەن تەسۋىرلىگىلى بولمايدىغان ئىلتىپاتى، يەنى ئۆز ئوغلىنى ئاتا قىلغىنى ئۈچۈن، خۇداغا شۈكۈرلەر بولغاي!


سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلاردا ئاخىرغىچە چوقۇم چىڭ تۇرىدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمىز ۋە سىلەر ئۈچۈن بەك خۇشال بولىمىز. رەببىمىز ئەيسا قايتا كەلگەندە، ئۇنىڭ ئالدىدا پەخىرلىنىدىغان تاجىمىز دەل سىلەر ئەمەسمۇ؟


لاۋىيلاردىن يېشۇۋا، قادمىئېل، بانى، خاشابنىيا، شېرېبىيا، ھودىيا، شىبانيا ۋە پىتاخيالار خەلققە مۇنداق دېدى: «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، ئەزەلدىن ئەبەدىيگىچە مەۋجۇد بولغان پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى مەدھىيەلەڭلار!» ئاندىن ئۇلار مۇنداق دۇئا قىلدى: «ئى خۇدا، ئۇلۇغ نامىڭغا ھەمدۇسانا بولغاي! نامىڭ پۈتكۈل ھەمدۇسانا ۋە مەدھىيەلەردىن يۈكسەكتۇر!


داۋۇت ئۇنىڭغا: _ ئۇسسۇل ئوينىغان بولسام، ئاتاڭنىڭ ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن جەمەتىنىڭ ئورنىغا مېنى تاللاپ، ئۆزىنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللارنىڭ بېشى قىلىپ تاللىغان پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا شادلىنىپ ئوينىدىم.


ئۇ كۈنى ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، قۇللىرىڭلار، دېدەكلىرىڭلار، يۇرتۇڭلاردىكى لاۋىيلار، يات خەلقلەر، يېتىملەر ۋە تۇل ئاياللار بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا خەلقىم بۇ يەردە ماڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپ، تاللىغان ئىبادەت قىلىش جايىدا، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا شادلىنىڭلار.


پەقەت پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بەلگىلەپ بەرگەن جايدىلا ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، قۇللىرىڭلار، دېدەكلىرىڭلار ۋە يۇرتۇڭلاردا ياشايدىغان لاۋىيلار بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا يېسەڭلار بولىدۇ. ئۇ يەردە قىلغان بارلىق ئىشىڭلاردىن شادلىنىڭلار.


سىلەر ئۇ يەردىكى يات ئەللەرنى قوغلىۋەتكەندىن كېيىن، ئاشۇ ئەللەرنىڭ تاغلاردىكى، تۆپىلىكلەردىكى ۋە بۈك-باراقسان دەرەخ ئاستىلىرىدىكى ئىلاھلىرىغا چوقۇنغان بارلىق يەرلىرىنى ۋەيران قىلىڭلار.


خۇداغا شۈكۈر! خۇدا ھەمىشە بىزنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ زەپەر قوشۇنىدا بولۇشقا مۇيەسسەر قىلىپ، بىز ئارقىلىق خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش بىلەن ئۇنى تونۇشنىڭ خۇش پۇرىقىنى ھەممە يەردە چاچماقتا.


ھەققانىيلار تەنتەنە قىلىپ، خۇشال بولار، خۇدا ھۇزۇرىدا روھى ئۇرغۇپ، شادلىنار.


پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا قىلغان ئىلتىپاتىغا، قانداق جاۋاب قىلاي ئۇنىڭغا؟


خىزكىيا ۋە ئەمەلدارلار دۆۋىلىنىپ كەتكەن ھەدىيەلەرنى كۆرۈپ، پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇشتى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللارغا بەخت تىلەشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite