Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 3:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 شۇ سەۋەبتىن تاقىتىم تاق بولۇپ، ئېتىقادىڭلارنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، تىموتىينى يېنىڭلارغا ئەۋەتكەنىدىم. مەن شەيتاننىڭ سىلەرنى ئازدۇرۇشى ۋە بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ سىلەرگە سىڭدۈرگەن ئەجرىمىزنىڭ بىكارغا كېتىشىدىن ئەنسىرىگەنىدىم.

Gade chapit la Kopi




سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 3:5
20 Referans Kwoze  

ئۇنى سىنىماقچى بولغان شەيتان ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: - ئەگەر سەن راستتىنلا خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، مۇشۇ تاشلارنى نانغا ئايلاندۇرۇپ يە! - دېدى.


بۇنىڭدىكى مەقسەت، شەيتان تەرىپىدىن ئازدۇرۇلۇپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈندۇر. چۈنكى، بىز شەيتاننىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىنى ياخشى بىلىمىز.


شۇنداق بولغاندا، بىز كىشىلەرنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىگە گۆدەك بالىلاردەك ئالدىنىپ، ھەر خىل غەيرىي تەلىماتلارنىڭ شامىلى ۋە دولقۇنلىرىدىن تەۋرىنىپ كەتمەيمىز.


لېكىن مەن ئۇنىڭغا مۇنداق دېدىم: «مېنىڭ مېھنەتلىرىم بىھۇدىدۇر، مەن كۈچۈمنى سەرپ قىلىپ، ھېچبىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمىدىم.» ئەمما پەرۋەردىگار ماڭا چوقۇم ئادىل مۇئامىلە قىلىدۇ، مېنىڭ مۇكاپاتىم پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىدۇر.


مەن ئىلگىرى سىلەرگە سىڭدۈرگەن ئەجرىمنىڭ بىكار كېتىشىدىن ئەنسىرەۋاتىمەن.


مەن ئۇ يەرگە خۇدادىن كەلگەن ۋەھىيگە بىنائەن بارغانىدىم. ئۇ يەردە مەن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىلىرى بىلەن ئايرىم سۆزلىشىپ، ئۆزۈم يەھۇدىي ئەمەسلەر ئارىسىدا تارقىتىپ كېلىۋاتقان خۇش خەۋەرنىڭ مەزمۇنىنىڭ ئۇلارنىڭكىگە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردۈم. بۇنداق قىلىشىم بۇرۇنقى ياكى كەلگۈسىدىكى خىزمەتلىرىمنىڭ بىكار بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئىدى.


ئەر-ئايال بىر-بىرىنىڭ جىنسىي تەلىپىنى رەت قىلماسلىقى كېرەك. پەقەت پۈتۈن زېھنىڭلار بىلەن دۇئا قىلىش مەقسىتىدە ئۆز ماقۇللۇقۇڭلار بىلەن ۋاقىتلىق بىرگە ياتماسلىققا كېلىشكەندىن باشقا ۋاقىتلاردا بىر-بىرىڭلاردىن ئايرىلىپ ياتماڭلار. بولمىسا، شەيتان سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلارنى تۇتۇۋالالمىغانلىقىڭلاردىن پايدىلىنىپ، سىلەرنى زىناخورلۇق قىلىشقا ئازدۇرۇپ كېتىشى مۇمكىن.


لېكىن، يېقىندا يېنىڭلاردىن قايتىپ كەلگەن تىموتىي ئېتىقادىڭلار ۋە مېھىر-مۇھەببىتىڭلار توغرىسىدا بىزگە ياخشى خەۋەر ئېلىپ كەلدى. ئۇ سىلەرنىڭ بىزنى ھەر دائىم خۇرسەنلىك بىلەن ئەسلەپ تۇرغانلىقىڭلارنى، خۇددى بىزنىڭ سىلەرنى كۆرگۈمىز كەلگەندەك، سىلەرنىڭمۇ بىزنى كۆرگۈڭلار كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.


قېرىنداشلار، سىلەرگە مەلۇمكى، بىزنىڭ قېشىڭلارغا بارغىنىمىز بىكارغا كەتمىدى.


ئارىدىن ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، پاۋلۇس بارناباغا: - بىز بۇرۇن رەببىمىزنىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزگەن ھەممە شەھەر-يېزىلارغا بېرىپ، ئېتىقادچىلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ كېلەيلى، - دېدى.


بىز خۇدا بىلەن بىللە خىزمەت قىلغۇچى سۈپىتىدە خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنىڭ سىلەردە بىكارغا كەتمەسلىكىنى ئۆتۈنىمىز.


رەببىمىز ئەيسا خالىسا، تىموتىينى يېقىندا يېنىڭلارغا ئەۋەتىمەن. بۇنىڭ بىلەن، ئۆزئارا ئەھۋالىمىزنى ئۇقۇشۇپ، كۆڭلىمىز ئارام تاپىدۇ.


ئەتىسى پادىشاھ سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ، ئالدىراپ شىر سولانغان ئورەككە يول ئالدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite