Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 3:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 بىز سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمىزدا، ھەممىمىزنىڭ قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدىغانلىقىمىزنى سىلەرگە ئالدىنئالا ئېيتقانىدۇق. ئەمەلىيەتتىمۇ دېگىنىمىزدەك بولدى.

Gade chapit la Kopi




سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 3:4
12 Referans Kwoze  

قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارمۇ خۇداغا ئېتىقاد قىلغان ۋە ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىگە ئوخشايدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ شۇ يەردىكى يەھۇدىيلار تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغىنىغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ئۆز يۇرتداشلىرىڭلار تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىدىڭلار.


سىلەرگە يەنە شۇمۇ مەلۇمكى، بىز قېشىڭلارغا بېرىشتىن ئىلگىرى فىلىپى شەھىرىدە تۇرغان ۋاقتىمىزدا، ئۇ يەردە ئازاب چەكتۇق ۋە ھاقارەتكە ئۇچرىدۇق. كېيىن، سىلەرنىڭ شەھىرىڭلاردىمۇ يەنە قاتتىق قارشىلىقلارغا ئۇچرىدۇق. لېكىن، بىز خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن غەيرەتكە كېلىپ، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە يەتكۈزدۇق.


لېكىن، سالونىكادىكى يەھۇدىيلار پاۋلۇسنىڭ بېرىيادا ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇ يەرگە بېرىپ پاۋلۇسقا زىيانكەشلىك قىلىش مەقسىتىدە توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئاممىنى قۇتراتتى.


لېكىن، مەن ئۆز مۇساپەمنى تاماملىشىم، رەببىمىز ئەيسانىڭ تاپشۇرغان خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىشىم، يەنى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇشۇم ئۈچۈن، ئۆز ھاياتىمنى قىلچە ئايىماي، يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمەن.


پاۋلۇس بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرى سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئامفىپولىس ۋە ئاپوللونىيا شەھەرلىرىدىن ئۆتۈپ، سالونىكا شەھىرىگە كەلدى. ئۇ يەردە يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىسى بار ئىدى.


ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، مەن بۇلارنى ئېيتىش بىلەن سىلەرنى ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇرۇپ قويدۇم.


بۇلارنى مەن سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمدا ئېيتقانلىقىم ئېسىڭلاردا باردۇ؟


بىز سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا بولغىنىمىزدا، سىلەرگە: «ئىشلىمىگەن چىشلىمەيدۇ!» دېگەنىدۇق.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite