12 رەببىمىز سىلەرنىڭ بىر-بىرىڭلارغا ۋە ھەممە ئادەملەرگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلارنى بىزنىڭ سىلەرگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىزدەك تولۇپ تاشتۇرغاي.
مەن شۇنىڭغا دۇئا قىلىمەنكى، خۇدا توغرىسىدىكى بىلىمىڭلار ۋە ئاقىللىقىڭلارنىڭ ئېشىشى ئارقىلىق مېھىر-مۇھەببىتىڭلار بارغانسېرى ئېشىپ بارسۇن.
ئۇنىڭغا ئوخشاش مۇھىم يەنە بىر ئەمر بولسا «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي.»
ھېچقايسىڭلار يامانلىققا يامانلىق قايتۇرماڭلار. ئەكسىچە، بىر-بىرىڭلارغا ۋە بارلىق كىشىلەرگە ھەمىشە ياخشىلىق قىلىشنى نىيەت قىلىڭلار.
مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشتە ئۆزئارا بىر-بىرىڭلارغا قەرزدار بولغاندىن باشقا، ھېچكىمگە ھېچقانداق قەرزدار بولماڭلار. چۈنكى، باشقىلارنى سۆيگەن كىشى تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولىدۇ.
قېرىنداشلار، سىلەر ئۈچۈن خۇداغا ھەر دائىم شۈكۈر ئېيتىشنى بۇرچىمىز دەپ بىلىمىز. چۈنكى، ئېتىقادىڭلار بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ، بىر-بىرىڭلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلارمۇ چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ.
ۋەھالەنكى، مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشاشنىڭ بېرىدىغان مېۋىلىرى مېھىر-مۇھەببەت، خۇشال-خۇراملىق، تىنچ-ئامانلىق، سەۋر-تاقەت، مېھرىبانلىق، ياخشىلىق، سادىقلىق،
بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خەتنە قىلىش ياكى قىلماسلىق مۇھىم ئەمەس، پەقەت مېھىر-مۇھەببەت ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ئېتىقادلا مۇھىم، دەپ قارايمىز.
شۇ چاغدا، سىلەرگە شۇنداق مۇھەببەت باغلىغانىدۇقكى، بىز خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنىلا ئەمەس، ئۆز جېنىمىزنىمۇ تەقدىم قىلىشقا رازى ئىدۇق. چۈنكى، سىلەرنى شۇ قەدەر ياخشى كۆرەتتۇق!
ئىخلاسمەنلىكىڭلارغا قېرىنداشلارنى سۆيۈشنى، قېرىنداشلارنى سۆيۈشۈڭلارغا باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشنى قوشۇشقا تىرىشىڭلار.
باشقىلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى كۈتسەڭلار، سىلەرمۇ ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭلار. تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىماتلىرى مانا شۇ.
ئەكسىچە، ئېتىقادىڭلار رەببىمىز بولغان قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە ئۇنىڭغا بولغان تونۇشۇڭلار ئارقىلىق داۋاملىق ئۆسۈپ بارسۇن. بارلىق شان-شەرەپ رەببىمىزگە ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي!
ھەرقانداق ئېسىل ۋە كەم-كۈتىسىز ئىلتىپات خۇدادىن كېلىدۇ. ئاسماندىكى پۈتكۈل يورۇقلۇقلارنى ياراتقان خۇدا يورۇقلۇقتىن پەيدا بولغان كۆلەڭگىلەردەك ئۆزگىرىشچان ئەمەس.
قېرىنداشلار، ئاخىردا بىز يەنە شۇنى دېمەكچىمىزكى، خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى بىزدىن ئۆگىنىۋالدىڭلار ھەمدە سىلەر ئەمەلىيىتىڭلاردىمۇ بىزدىن ئۆگەنگىنىڭلار بويىچە شۇنداق ياشاۋاتىسىلەر. ئەمدى خۇدانى خۇرسەن قىلىشقا تېخىمۇ تىرىشىشىڭلارنى رەببىمىز ئەيسانىڭ نامى بىلەن سورايمىز.
ئون ئىككى شاگىرتى ھەزرىتى ئەيساغا: - ئېتىقادىمىزنى كۈچەيتكەيسىز، - دېيىشتى.
يات خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرى ئالتۇن-كۈمۈش بۇتتۇر پەقەت، ئۇلارنى ئىنسان ئۆز قولىدا قىلىدۇ ئىجاد.
دېھقانغا تېرىغىلى ئۇرۇق، يېگىلى ئوزۇق ئاتا قىلغان خۇدا سىلەرنىڭ ھاجەتمەنلەرگە تېخىمۇ مەردلىك بىلەن بېرەلىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردە بارنى كۆپەيتىدۇ.