Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 3:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1-2 بىز سىلەرنىڭ خەۋىرىڭلارنى ئالالماي، تاقىتىمىز قالمىغاندا، ئۆزىمىز ئافىنا شەھىرىدە يالغۇز قېلىپ، ئالدىڭلارغا قېرىندىشىمىز ھەم خۇدا يولىدا بىز بىلەن بىللە ئەيسا مەسىھ ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى تارقىتىۋاتقان خىزمەتدىشىمىز تىموتىينى ئەۋەتىشنى قارار قىلدۇق.

Gade chapit la Kopi




سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 3:1
8 Referans Kwoze  

پاۋلۇسقا ھەمراھ بولۇپ ماڭغانلار ئۇنى ئافىنا شەھىرىگىچە ئېلىپ بېرىپ، ئاندىن بېرىياغا قايتىپ كەلدى. ئۇلار پاۋلۇسنىڭ «سىلاس بىلەن تىموتىي مۇمكىنقەدەر مېنىڭ يېنىمغا تېزرەك كەلسۇن» دېگەن سۆزىنى ئېلىپ كەلدى.


شۇ سەۋەبتىن تاقىتىم تاق بولۇپ، ئېتىقادىڭلارنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، تىموتىينى يېنىڭلارغا ئەۋەتكەنىدىم. مەن شەيتاننىڭ سىلەرنى ئازدۇرۇشى ۋە بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ سىلەرگە سىڭدۈرگەن ئەجرىمىزنىڭ بىكارغا كېتىشىدىن ئەنسىرىگەنىدىم.


قېرىنداشلار، بىز ئامالسىز ھالدا سىلەردىن ۋاقىتلىق ئايرىلدۇق. بىز سىلەر بىلەن بىللە بولمىساقمۇ، قەلبىمىز يەنىلا سىلەر بىلەن بىللە. بىز سىلەر بىلەن يەنە بىر قېتىم دىدار كۆرۈشۈشكە ئىنتىزار بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، يېنىڭلارغا بېرىشقا ئىنتايىن تىرىشتۇق!


سىلەرنىڭ خەۋىرىڭلارنى ئېلىپ كەلمەكچى بولغان قېرىندىشىم تىتۇس ئۇ يەرگە تېخى كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، كۆڭلۈم تەشۋىشكە چۈشۈپ، ئۇ يەردىكىلەر بىلەن خوشلىشىپلا ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە ئۇنى ئىزدەپ كەتتىم.


ئەگەردە، مەن ‹سېنى تىلىمغا ئالمايمەن، سېنىڭ نامىڭ بىلەن سۆزلىمەيمەن› دېسەم، سېنىڭ سۆزلىرىڭ يۈرىكىمدە ئوتتەك كۆيىدۇ، سۆزلىرىڭ سۆڭەكلىرىمدىكى بىر ئوتقا ئوخشايدۇ. مەن ئۇلارنى سىر ساقلاشقا تىرىشسام چارچاپ كېتىمەن، ئۇنى سۆزلەشكە مەجبۇر بولىمەن.


پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ قىلغان رەزىل ۋە يىرگىنچلىك ئىشلىرىڭلارغا چىداپ تۇرالمىدى. شۇ سەۋەبتىن زېمىنىڭلار ھېچكىم ياشىمايدىغان چۆل-جەزىرىگە ئايلاندى. زېمىنىڭلارنىڭ نامى قارغىش سۆزى ئورنىدا تىلغا ئېلىنىدۇ. بۈگۈن ئۇ زېمىن شۇ ھالەتتە تۇرماقتا.


پاۋلۇس ئافىنا شەھىرىدە سىلاس بىلەن تىموتىينى كۈتۈپ تۇرغاندا، شەھەرنىڭ ھەممە يېرىنى بۇت قاپلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن بىئارام بولدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite