Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 2:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 ئەمەلىيەتتە، خۇدا بىزنى لايىق كۆرۈپ، خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى بىزگە تاپشۇردى. بىز خۇش خەۋەرنى ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ قەلبىمىزنى كۆزىتىۋاتقان خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن يەتكۈزۈۋاتىمىز.

Gade chapit la Kopi




سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 2:4
38 Referans Kwoze  

مېنىڭ بۇنداق دېيىشىم ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈنمۇ؟ ياق، مېنىڭ بۇنداق دېيىشىم خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈندۇر. ئەگەر مەن ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىشنى ئىستىگەن بولسام، ئەيسا مەسىھنىڭ سادىق خىزمەتكارى بولمىغان بولاتتىم.


ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان خۇدا مۇقەددەس روھنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشىنىدۇ. چۈنكى، مۇقەددەس روھ خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى ئۈچۈن مۇراجىئەت قىلىدۇ.


دەل ئەكسىچە، ئۇلار خۇدانىڭ پېترۇسقا يەھۇدىيلارغا خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغىنىدەك، ماڭىمۇ يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشنى تاپشۇرغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.


ساڭا ئامانەت قىلىنغان بۇ قىممەتلىك ھەقىقەتنى ھەممىمىزنىڭ قەلبىدە بار بولغان مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمى بىلەن ساقلا.


سىناپ مېنىڭ قەلبىمنى، كۆزىتىپ كېچىدە خىيالىمنى، تەكشۈرۈپ باققان بولساڭمۇ مېنى، تاپالمىدىڭ ھېچبىر نۇقساننى. چىڭ يۇماي، دەپ ئويلىدىم ئاغزىمنى.


خوجايىنىڭلارنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن، پەقەت ئۇلارنىڭ ئالدىدىلا ئەمەس، بەلكى ھەمىشە ئۇلارغا خىزمەت قىلىڭلار. چۈنكى، سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن خۇدانىڭ ئىرادىسىگە چىن دىلىڭلاردىن ئەمەل قىلىشىڭلار كېرەك.


خۇدا بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا بۇ مەڭگۈلۈك ھايات توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى ئاشكارىلىدى. قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدا ئۆز ئەمرى بىلەن بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ماڭا تاپشۇردى.


مەن خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى ئىچىدىكى ئەڭ ئەرزىمەس بىرى بولساممۇ، خۇدا ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، مېنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئېرىشىدىغان ۋە ئىنسانلار تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان ھەقىقىي بايلىقنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىشكە تاللىدى.


ئۇياتلىق، خۇپىيانە ئىشلارنى قىلىشتىن يىراق تۇرۇپ، ھىيلە-مىكىرلىك قىلمايمىز، خۇدانىڭ سۆزىنى بۇرمىلىمايمىز. ئەكسىچە، ھەقىقەتنى ئۆز پېتى ئېيتىمىز. بۇنىڭ بىلەن، بىز ئۆزىمىزنى خۇدا ئالدىدا ھەممە كىشىگە بىلدۈرىمىز، ئۇلارمۇ ئۆز قەلبىدە بىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى بىلىدۇ.


ئۇلۇغ پاراسىتىڭ، چەكسىز قۇدرىتىڭ بىلەن ئىش قىلىسەن. سەن ئادەملەرنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرىسەن. ھەركىمنىڭ ئىش-ئەمەللىرىگە ۋە قىلغان ئەمەلىيىتىگە قاراپ ياندۇرىسەن.


ئى خۇدايىم، سېنىڭ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى سىنايدىغانلىقىڭنى بىلىمەن. سەن دۇرۇس ئادەملەردىن خۇرسەن بولىسەن. مەن بەرگەن نەرسىلەرنى چىن دىلىمدىن ساڭا ئاتىدىم، شۇنداقلا مەن بۇ يەردە تۇرغان خەلقىڭنىڭ بايلىقلىرىنى خۇشاللىق ۋە ئۆز ئىختىيارى بىلەن ساڭا تەقدىم قىلغانلىقىنى كۆردۈم.


ئەگەر خۇش خەۋەرنى ئۆز ئىختىيارىم بىلەن تارقاتقان بولسام، خۇدادىن ھەق ئېلىشىم كېرەك ئىدى. لېكىن، خۇدا بۇ ۋەزىپىنى ماڭا تاپشۇرغانىكەن، مەن بۇنى بىر مەسئۇلىيەت، دەپ ئورۇندايمەن.


ئەگەر سىلەر بۇ دۇنيادىكى بايلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا سەمىمىيەتسىز بولساڭلار، خۇدا قانداقمۇ جەننەتتىكى ھەقىقىي بايلىقنى سىلەرگە ئاتا قىلسۇن؟


ئالتۇن-كۈمۈش ئوتتا تاۋلىنار، ئادەمنىڭ قەلبىنى پەرۋەردىگار سىنار.


سەن ئەرشتىكى دەرگاھىڭدا تۇرۇپ ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرگەيسەن ۋە ھەربىر كىشىنىڭ قەلبىگە ۋە تۇتقان يولىغا يارىشا مۇئامىلە قىلغايسەن. چۈنكى سەنلا ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى بىلىسەن.


_ ئى پەرۋەردىگار، سەن ئىنسانغا ھاياتلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدادۇرسەن. سەندىن ئۆتۈنەي، بۇ خەلققە بىر يېتەكچى تەيىنلىگەيسەن،


ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئەجەللىك كېسەل بىلەن ھالاك قىلىمەن. ئۇ چاغدا، پۈتكۈل ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىگە كىشىلەرنىڭ ئوي-پىكرى ۋە قەلبىنى ياخشى بىلگۈچىنىڭ ئۆزۈم ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرىمەن ھەمدە ھەربىرىڭلارغا قىلغان ئەمەلىيىتىڭلارغا يارىشا ياندۇرىمەن.


خۇدادىن يوشۇرۇنالايدىغان ھېچقانداق مەۋجۇدات يوقتۇر. بىز ھېساب بېرىدىغان خۇدا ئالدىدا ھەممە نەرسە ئوچۇق-ئاشكارىدۇر.


ئەي تىموتىي، ساڭا ئامانەت قىلىنغان بۇ تەلىملەرنى ياخشى ساقلا. خۇداغا بولغان ئىخلاسمەنلىككە مۇناسىپ كەلمەيدىغان قۇرۇق گەپلەردىن ھەمدە بىمەنە بىلىمنى بىلىم دېگۈچىلەرنىڭ تالاش-تارتىشلىرىدىن ساقلان.


ئەي قۇللار، بۇ دۇنيادىكى خوجايىنلىرىڭلارغا ھەممە ئىشتا بويسۇنۇڭلار. بۇنى ئۇلارنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن پەقەت ئۇلارنىڭ ئالدىدىلا ئەمەس، بەلكى ھەمىشە چىن قەلبىڭلار ۋە رەببىمىزگە بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىڭلار بىلەن قىلىڭلار.


رەببىمىزدىن ئەيمىنىشنى بىلگەنىكەنمىز، ئىنسانلارنى بۇ ھەقتە قايىل قىلىشقا تىرىشىمىز. بىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمىز خۇداغا ئايان. ۋىجدانىڭلارنىڭمۇ بىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى تونۇپ يېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


مەن پەرۋەردىگار ئىنسانلارنىڭ يۈرىكىنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئويلىرىنى سىنايمەن. مەن ھەركىمنىڭ ئەمەلىيىتىگە ۋە قىلغىنىغا لايىق ياندۇرىمەن.


ئىگىمىز پەرۋەردىگار بايقىماي قالارمىدى؟ ئۇ بىلەر ئىنسان قەلبىدىكى بارلىق سىرلارنى.


سەن مەندىن ئۆگەنگەن تەلىملەرنى كۆپ ئېتىقادچىلار ئاڭلىغان ۋە بۇ تەلىملەرنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىپ كەلگەن. ئەمدى بۇ تەلىملەرنى ئىشەنچلىك ھەمدە باشقىلارغا تەلىم بېرەلەيدىغان كىشىلەرگە يەتكۈزگىن.


شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز بۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىمگە بۇ دۇنيانىڭ كۆزقارىشى بىلەن قارىمايمىز. گەرچە بىز بۇرۇن مۇشۇ كۆزقاراش بىلەن ئەيسا مەسىھنى پەقەتلا بىزگە ئوخشاش بىر ئىنسان دەپ قارىغان بولساقمۇ، ئەمدى ئۇنداق دەپ قارىمايمىز.


خېتىڭلاردىكى بويىغا يەتكەن قىزلار مەسىلىسىگە كەلسەك، رەببىمىزدىن ئۇلار توغرىسىدا بىرەر ئەمر ئالمىدىم. شۇنداقتىمۇ، ئۆز پىكىرلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن. رەببىمىز ماڭا رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، مېنىڭ سۆزلىرىم ئىشەنچلىكتۇر.


ئۈچىنچى قېتىم يەنە: - يۇھاننا ئوغلى سىمۇن، مېنى سۆيەمسەن؟ - دەپ سورىدى. پېترۇس ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ سوئالنى ئۈچ قېتىم سورىغانلىقىغا كۆڭلى بىر قىسما بولۇپ: - رەببىم، سىز ھەممىنى بىلىسىز، سىزنى سۆيىدىغانلىقىمنىمۇ بىلىسىز، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ئۇنداقتا، قويلىرىمنى ئوتلات.


ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - كىم ئىشەنچلىك ۋە زېرەك چاكار بولسا، خوجايىن ئۇنى باشقا چاكارلىرى ئۈستىدىن كۆزىتىپ، خوجايىننىڭ ئوزۇق-تۈلۈكىنى ئۇلارغا ۋاقتى-ۋاقتىدا تەقسىم قىلىپ بېرىشكە قويىدۇ.


ئاخىرلاشتۇرغىن رەزىللەرنىڭ يامانلىقىنى، تەۋرەنمەس قىلغىن ھەققانىيلارنى، ئى ھەققانىي خۇدا، سىنىغۇچىسەن قەلبلەرنى.


كۆرگىن قەلبىمنى، ئى خۇدا، بىلگىن مېنى، سىناپ كۆر مېنى، بىلگىن ئوي-خىياللىرىمنى.


ئەلۋەتتە، خۇدانىڭ سۆزىنى پايدا كۆزلەپ بۇرمىلايدىغانلار ھەرگىز بۇنداق ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ. بىز بولساق، ئۇنداق ئادەملەردىن ئەمەسمىز. بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ھەم خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلەر بولغاچقا، خۇدا ئالدىدا خۇدانىڭ سۆزىنى سەمىمىي يەتكۈزۈۋاتقانلاردۇرمىز.


كىمگە خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرىش قابىلىيىتى ئاتا قىلىنغان بولسا، ئۇ خۇدانىڭ سۆزلىرىنى سۆزلىسۇن، كىمگە باشقىلارغا خىزمەت قىلىش قابىلىيىتى ئاتا قىلىنغان بولسا، ئۇ خۇدانىڭ بەرگەن كۈچ-قۇدرىتى بىلەن خىزمەت قىلسۇن. بۇنىڭ بىلەن، ھەممە ئىشتا خۇدا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق مەدھىيىلىنىدۇ. بارلىق شان-شەرەپ ۋە كۈچ-قۇدرەت خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!


روھانىي ئۇرىيا پادىشاھ ئاخازنىڭ بۇيرۇغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى قىلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite