Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 2:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلاردا ئاخىرغىچە چوقۇم چىڭ تۇرىدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمىز ۋە سىلەر ئۈچۈن بەك خۇشال بولىمىز. رەببىمىز ئەيسا قايتا كەلگەندە، ئۇنىڭ ئالدىدا پەخىرلىنىدىغان تاجىمىز دەل سىلەر ئەمەسمۇ؟

Gade chapit la Kopi




سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 2:19
35 Referans Kwoze  

ئەي سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم، مەن سىلەرنى سۆيىمەن، سىلەرنى كۆرۈشكە شۇ قەدەر تەشنامەن! سىلەر مېنىڭ خۇشاللىقىم ھەم پەخرىمسىلەر. رەببىمىزگە بولغان ئېتىقادىڭلاردا قىلچە تەۋرەنمەڭلار.


ھەم شۇ ئارقىلىق، رەببىمىز ئەيسا ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان بارلىق مۇقەددەس خەلقى بىلەن بىللە قايتىپ كەلگىنىدە، سىلەرنىڭ ئاتىمىز خۇدانىڭ ئالدىدا ئەيىبسىز ۋە پاك بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ئىرادەڭلارنى مۇستەھكەم قىلغاي!


بىزگە ئامانلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدا ئۆزى سىلەرنى تەلتۆكۈس پاك قىلغاي. رەببىمىز ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگۈچە خۇدا روھىڭلار، جېنىڭلار ۋە تېنىڭلارنى ئەيىبسىز ساقلىغاي.


مەن شۇنى ئارزۇ قىلىمەنكى، گەرچە سىلەر بىزنى ھازىرغىچە تولۇق چۈشەنمىسەڭلارمۇ، كەلگۈسىدە تولۇق چۈشەنگەيسىلەر. شۇنداق بولغاندا، خۇددى بىز سىلەر بىلەن پەخىرلەنگىنىمىزدەك، رەببىمىز ئەيسا قايتا كەلگەن كۈنى سىلەرمۇ بىز بىلەن پەخىرلىنىسىلەر.


بىراق، ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆز نۆۋىتى بار. ئالدى بىلەن كاپالەتچى بولغان ئەيسا مەسىھ تىرىلدى، ئاندىن كېيىن ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەندە ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولغانلار تىرىلىدۇ.


ئىنسانئوغلى بولغان مەن ئاتامنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە پەرىشتىلىرى بىلەن كېلىپ، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىگە تۇشلۇق جاۋاب قايتۇرىمەن.


دېمەك، ئەزىز بالىلىرىم، داۋاملىق ئەيسا مەسىھكە باغلىنىپ ياشاڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئۇ قايتىپ كەلگەندە يۈرىكىمىز توق تۇرىدۇ ھەم ئۇنىڭ ئالدىدا خىجالەتچىلىكتە قالمايمىز.


ئەيسا مەسىھ مۇنداق دېدى: «مانا، پات يېقىندا كېلىمەن! ھەركىمنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ، بېرىدىغىنىمنى ئۆزۈم بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىمەن.


مانا، ئۇ بۇلۇتلار ئۈستىدە كەلمەكتە. ھەممە كۆزلەر، ھەتتا ئۇنىڭ تېنىنى نەيزىلىگەنلەرمۇ ئۇنى كۆرىدۇ. يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل خەلقلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ھازا تۇتىدۇ. بۇ ئىش جەزمەن بولىدۇ، ئامىن!


بىز ئۇلۇغ خۇدا بولغان قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شەرەپ بىلەن قايتا كېلىشىدىن ئىبارەت مۇبارەك ئۈمىدىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتىمىز.


بىز ھازىر رەببىمىزنىڭ سۆزى بويىچە سىلەرگە شۇنى ئېيتىمىزكى، رەببىمىز قايتا كەلگەندە، بىز ھايات ياشاۋاتقانلار ھەرگىزمۇ ئۆلۈپ كەتكەن ئېتىقادچىلاردىن ئاۋۋال رەببىمىز بىلەن جەم بولالمايمىز.


ھەممىمىزنى قۇتقۇزغان يېگانە خۇدا سىلەرنى يىقىلىپ چۈشۈشتىن ساقلاپ، ئەيىبسىز ۋە خۇشال-خۇرام ھالدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار ھۇزۇرىغا ئېلىپ كېلىشكە قادىردۇر. بارلىق شان-شەرەپ، ئۇلۇغلۇق، قۇدرەت ۋە ھوقۇق رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئەزەلدىن تا ھازىرغىچە ۋە ئەبەدىلئەبەد خۇداغا مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!


شۇنداق قىلساڭلار، باش قويچى ئەيسا مەسىھ قايتىپ كەلگەندە، مەڭگۈ چېچەكلەپ تۇرىدىغان شان-شەرەپ تاجىغا ئېرىشىسىلەر.


شۇنداقلا، رەببىمىز ئەيسا قۇدرەتلىك پەرىشتىلەر ۋە يالقۇنلۇق ئوت بىلەن ئەرشتىن قايتا كەلگەن چاغدا، خۇدا ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن سىلەرگە ۋە بىزگە ئاراملىق بېرىدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن، رەببىمىز قايتىپ كەلمىگۈچە، باشقىلارنىڭ خىزمىتىگە باھا بەرمەڭلار. چۈنكى، ئۇ قايتىپ كەلگەندە، كىشىلەرنىڭ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە يوشۇرۇنغان بارلىق ئىشلىرىنى يورۇقلۇققا چىقىرىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ قەلبىدىكى مەقسەتلىرىنى ئاشكارىلايدۇ. ئۇ چاغدا، خۇدا ھەركىمنى ئۆزىگە تېگىشلىك ماختاشقا سازاۋەر قىلىدۇ.


سەن پەرۋەردىگارنىڭ قولىدا ئېسىل تاجغا، خۇدانىڭ ئالىقىنىدا خاننىڭ سەللىسىگە ئايلىنىسەن.


تاجىدۇر نەۋرىلەر مويسىپىتلارنىڭ، پەخرىدۇر ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرنىڭ.


پەزىلەتلىك ئايال ئېرىنىڭ تاجىدۇر، شەرمەندە خوتۇن ئېرىنىڭ كۈچىنى خوراتقۇچىدۇر.


بىز ھەقىقەتەن سىلەردىن پەخىرلىنىمىز، سىلەر بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز!


خۇرسەن قىلار توغرا سۆز پادىشاھنى، سۆيەر ئۇ ھەق سۆزلىگەنلەرنى.


دانالىق تاقار كۆركەم تاج بېشىڭغا، ئىنئام قىلار شەرەپ تاجىنىمۇ ساڭا.


بۇ زاماننىڭ ۋاپاسىز ۋە گۇناھكار كىشىلىرى ئالدىدا كىمدەكىم مەندىن ۋە مېنىڭ سۆزلىرىمدىن نومۇس قىلسا، ئىنسانئوغلى بولغان مەنمۇ ئاتامنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە مۇقەددەس پەرىشتىلەر بىلەن بىللە قايتىپ كەلگىنىمدە، ئۇنىڭدىن نومۇس قىلىمەن.


- ئەگەر مەن قايتا كەلگۈچە ئۇنىڭ ھايات بولۇشىنى خالىسام، بۇنىڭ سەن بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟! ماڭا ئەگىشىۋەر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.


شۇڭا، بىز خۇداغا مەنسۇپ بولغان ھەرقايسى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئارىسىدا سىلەردىن پەخىرلىنىمىز. چۈنكى، سىلەر بېشىڭلارغا كەلگەن ھەر خىل زىيانكەشلىك ۋە قىيىن ئەھۋاللارغا بەرداشلىق بەردىڭلار ۋە ئېتىقادىڭلاردىن تەۋرەنمىدىڭلار.


قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ قايتا كېلىدىغان ھەمدە بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدىغان كۈنىمىز توغرىسىدا سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنۈپ سورايمىزكى،


شۇڭا، قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا قايتا كېلىدىغان كۈنگىچە سەۋر-تاقەت قىلىپ تۇرۇڭلار. دېھقانلار مول ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن باھار ۋە كۈز يامغۇرلىرىنى سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتكىنىگە ئوخشاش، سىلەرمۇ ئەيسا مەسىھنىڭ قايتا كېلىشىنى سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتۈڭلار. ئىرادەڭلار مۇستەھكەم بولسۇن. چۈنكى، رەببىمىز ئەيسانىڭ قايتا كېلىشىگە ئاز قالدى.


بىز ئەلچىلەر سىلەرگە ئۇقتۇرغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە قايتا كېلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى ھەرگىزمۇ ئۆزىمىز ئويدۇرۇپ چىقمىدۇق. بىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شۆھرىتىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەنمىز.


ئۇلار سىلەرنى، «رەببىڭلار مەن قايتا كېلىمەن دېگەنغۇ! ئۇ قېنى؟ ئۇ قايتىپ كەلمىدىغۇ! بوۋىلىرىمىز ئالەمدىن ئۆتۈپ تاكى ھازىرغىچە ھەممە ئىشلار ئوخشاش بولۇپ، دۇنيا ئاپىرىدە بولغان ۋاقىتتىكىدىن ھېچقانداق پەرقى يوقتۇر» دەپ مەسخىرە قىلىشىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite