Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 2:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 بىزنىڭ يېنىڭلارغا بارغۇمىز كەلگەنىدى. بولۇپمۇ، مەنكى پاۋلۇس نەچچە قېتىم سىلەرنى يوقلاپ بارماقچى بولغان بولساممۇ، بىراق بۇنىڭغا شەيتان توسالغۇ بولدى.

Gade chapit la Kopi




سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 2:18
13 Referans Kwoze  

يېنىڭلارغا بېرىشنى كۆپ قېتىم ئويلىغان بولساممۇ، لېكىن مانا شۇ خىزمەتلىرىم سەۋەبىدىن بارالمىدىم.


قېرىنداشلار، شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، مەن يېنىڭلارغا بېرىشنى كۆپ قېتىم پىلانلىغان بولساممۇ، لېكىن بۈگۈنگىچە توسالغۇغا ئۇچراپ كەلدىم. ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش يولىدا باشقا يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدا ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكىنىمدەك، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلدىم.


كەلگۈسىدە چېكىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن قورقما. بىلىپ قويغىنكى، شەيتان ئاراڭلاردىن بەزىلەرنى يېقىندا زىندانغا تاشلىتىپ سىنىماقچى. سىلەر ئون كۈنگىچە قىينىلىسىلەر. تاكى ئۆلگۈچە ماڭا سادىق بول. شۇ چاغدا، مەن ساڭا ھاياتلىق تاجىنى كىيدۈرىمەن.


خۇدا ھەر خىل ئۇسۇلدا سۆزلەيدۇ، ئەمما ئادەم بىلمەيدۇ.


- يوقال، شەيتان! تەۋراتتا: «رەببىڭلار بولغان خۇداغىلا ئىبادەت قىلىڭلار، پەقەت ئۇنىڭغىلا خىزمەت قىلىڭلار!» دېيىلگەن، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا جاۋابەن.


مەنكى پاۋلۇس بۇ ئاخىرقى سالامنى ئۆز قولۇم بىلەن يېزىۋاتىمەن. مېنىڭ پۇت-قوللىرىمنىڭ كىشەنلىك ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماڭلار. خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي!


لېكىن، يەنىلا سېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىڭگە كۆرە ئىلتىماس قىلىشنى تاللىۋالدىم. بۇ ئىلتىماسنى مۇشۇ ياشقا كىرىپ قالغان ھەم ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىش يولىدا ھازىر مەھبۇس بولۇۋاتقان مەنكى پاۋلۇستىن دەپ بىلگىن.


سالونىكا شەھىرىدىكى ۋاقتىمدىمۇ، سىلەر ماڭا بىرنەچچە قېتىم ياردەم بېرىپ، ئېھتىياجىمدىن چىقتىڭلار.


مەنكى پاۋلۇس بۇ ئاخىرقى سالىمىمنى ئۆز قولۇم بىلەن يازدىم. بۇ، مېنىڭ ھەممە خەتلىرىمنىڭ ئۆزىگە خاس بەلگىسىدۇر. مانا بۇ، مېنىڭ ئۆز قەلىمىمدۇر.


مانا ھازىر بۇ ئاخىرقى سالاملارنى مەنكى پاۋلۇس ئۆز قولۇم بىلەن يېزىۋاتىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite