سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 2:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى17 قېرىنداشلار، بىز ئامالسىز ھالدا سىلەردىن ۋاقىتلىق ئايرىلدۇق. بىز سىلەر بىلەن بىللە بولمىساقمۇ، قەلبىمىز يەنىلا سىلەر بىلەن بىللە. بىز سىلەر بىلەن يەنە بىر قېتىم دىدار كۆرۈشۈشكە ئىنتىزار بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، يېنىڭلارغا بېرىشقا ئىنتايىن تىرىشتۇق! Gade chapit la |
قېرىنداشلار، شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، مەن يېنىڭلارغا بېرىشنى كۆپ قېتىم پىلانلىغان بولساممۇ، لېكىن بۈگۈنگىچە توسالغۇغا ئۇچراپ كەلدىم. ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش يولىدا باشقا يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدا ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكىنىمدەك، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلدىم.
ھازىر بۇ يەرلەردە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش خىزمىتىنى ئورۇنداپ بولدۇم. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كۆپ يىللاردىن بېرى، سىلەرنى يوقلاپ بېرىش ئارزۇيۇم بار ئىدى. شۇڭا، مەن ئىسپانىيىگە كېتىۋاتقىنىمدا يول ئۈستىدە سىلەرگە يولۇققاچ، بىر مەزگىل سىلەر بىلەن بىللە تۇرماقچىمەن. ئاندىن، سىلەرنىڭ ياردەم قىلىپ، يولغا سېلىپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.