Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 2:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15-16 بۇرۇن يەھۇدىيلارنىڭ ئەجدادلىرى پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرگەن، كېيىن ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى رەببىمىز ئەيسانى ئۆلتۈردى. ھازىر يەنىلا بەزى يەھۇدىيلار بىزگىمۇ زۇلۇم سېلىپ، بىزنى بىز خۇش خەۋەر تارقىتىۋاتقان شەھەرلەردىن قوغلاپ چىقاردى. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلمىشلىرى خۇدانىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدۇ. ئۇلار خۇددى پۈتكۈل ئىنسانلار بىلەن دۈشمەنلەشكەندەك، بىزنىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشقا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئۇلارغا بۇ خۇش خەۋەرنى تارقىتىشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار گۇناھلىرىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىپ، چېكىگە يەتكۈزمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ غەزىپى ئەمدى ئۇلارغا چۈشۈش ئالدىدا تۇرىدۇ.

Gade chapit la Kopi




سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 2:15
21 Referans Kwoze  

شاد-خۇرام بولۇڭلار. چۈنكى، ئەرشتە سىلەر ئۈچۈن كۆپ ئىنئام ساقلانماقتا. بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرمۇ مۇشۇنداق زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىغان.


سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار زىيانكەشلىك قىلمىغان بىرەر پەيغەمبەر بارمۇ-ھە؟! ئۇلار «خۇدانىڭ ئادالەتچىسى» بولغان ھەزرىتى ئەيسانىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئالدىن جاكارلىغانلارنىمۇ ئۆلتۈرۈشكەن. ئەمدى ئۇ ئۆزى كەلگەندە، سىلەر ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىپ، ئۇنىمۇ ئۆلتۈردۈڭلار.


ھەزرىتى ئەيسا خۇدانىڭ ئالدىنئالا بىلىشى ۋە پىلانى بويىچە سىلەرگە تاپشۇرۇلدى. سىلەر ئۇنى خۇدايىمىزغا ئىشەنمىگەن رەزىل ئادەملەرگە تۇتۇپ بېرىپ، كرېستكە مىخلىتىپ ئۆلتۈرگۈزدۈڭلار.


شۇنداق قىلىپ، ھاياتلىقنى ياراتقۇچىنى ئۆلتۈردۈڭلار! بىراق، خۇدا ئۇنى تىرىلدۈردى. بىز مانا بۇ ۋەقەنىڭ گۇۋاھچىلىرى.


ئالىي روھانىيلار ۋە ئاقساقاللىرىمىز ئۇنى ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا يالاپ ئاپىرىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدۇرۇپ، كرېستكە مىخلاتتى.


پۈتۈن خەلق بىر ئېغىزدىن: - ئۇنىڭ قېنىنىڭ جاۋابكارلىقى بىزنىڭ ۋە بالىلىرىمىزنىڭ ئۈستىدە بولسۇن! - دېيىشتى.


- ئەي يېرۇسالېملىقلار! پەيغەمبەرلەر ۋە خۇدا ئەۋەتكەن ئەلچىلەرنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرگەن يېرۇسالېملىقلار! گويا مېكىيان ئۆز چۈجىلىرىنى قانات ئاستىغا ئالغاندەك، مەنمۇ سىلەرنى قانچە قېتىم ئۆز قوينۇمغا ئالماقچى بولدۇم، لېكىن سىلەر ئۇنىمىدىڭلار.


ئاندىن ھامون پادىشاھ ئاخاشۋېروشقا: _ ئىمپېرىيەلىرىنىڭ ھەممە ئۆلكىلىرىگە چېچىلىپ كەتكەن، ئۆز ئالدىغا ياشايدىغان بىر خەلق بار. ئۇلارنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى باشقا خەلقلەرنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىغا ئوخشىمايدۇ. ئۇلار ئىمپېرىيەمىزنىڭ قانۇنلىرىغا بويسۇنمايدۇ. ئۇلارنىڭ ياشىشىغا يول قويۇش ئىمپېرىيەمىزنىڭ مەنپەئىتىگە پايدىسىزدۇر.


شۇنداقتىمۇ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى خۇدانى خۇرسەن قىلمىدى. شۇڭا، ئۇلار ئۆلۈپ، جەسەتلىرى چۆل-باياۋاندا قالدى.


ئۆزىنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن يەھۇدىيلارنىڭ رازى بولغانلىقىنى كۆرۈپ، پېترۇسنى تۇتقۇن قىلىشنى بۇيرۇدى. بۇ ۋەقە پېتىر نان ھېيتى مەزگىلىدە يۈز بەردى.


سىلەر ھەزرىتى ئەيسانى كرېستكە مىخلاپ ئۆلتۈردۈڭلار. لېكىن، ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئۇنى تىرىلدۈردى.


ئاندىن ئامازيا ئاموسقا مۇنداق دېدى: _ ئى غايىبنى بىلگۈچى، بۇ يەردىن كەت، يەھۇدىيە زېمىنىغا كەت. شۇ يەردە ۋەھىي يەتكۈزۈپ، جېنىڭنى باق!


سىلەر ۋە پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، ئۇنى پۈتۈنلەي ساقايتىپ ئالدىڭلاردا تۇرغۇزغان كۈچ-قۇدرەت ناسىرەلىك ئەيسا مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدۇر! سىلەر ھەزرىتى ئەيسانى كرېستكە مىخلاپ ئۆلتۈرگەن بولساڭلارمۇ، لېكىن خۇدا ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى.


مەن سىلەرنى جازالىغان بولساممۇ، لېكىن ھېچقانداق پايدىسى بولمىدى. سىلەر مېنىڭ تەربىيەلىرىمگە پىسەنت قىلمىدىڭلار. سىلەرنىڭ قىلىچىڭلار خۇددى ئاچ شىرلاردەك مەن ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈردى.


كۆپ قېتىم ئۇزۇن سەپەرلەردە بولۇپ، دەريالاردا ھەم قاراقچىلارنىڭ، ئۆز خەلقىمنىڭ، يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدا خېيىم-خەتەرلەرگە يولۇقتۇم. شەھەرلەردە، چۆللەردە، دېڭىزلاردا ۋە ساختا قېرىنداشلارنىڭ ئارىسىدا خەۋپلىك كۈنلەرنى باشتىن كەچۈردۈم.


پەرۋەردىگار ئەنە شۇنداق جازالىسۇن شىكايەتتە بولغانلارنى، ئەدەپلىسۇن، يامان سۆزلەر بىلەن ماڭا ھۇجۇم قىلغانلارنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite