Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 2:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 قېرىنداشلار، سىلەرگە مەلۇمكى، بىزنىڭ قېشىڭلارغا بارغىنىمىز بىكارغا كەتمىدى.

Gade chapit la Kopi




سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 2:1
18 Referans Kwoze  

قېرىنداشلار، سۆزىمىزنىڭ ئاخىرىدا بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. رەببىمىز ھەققىدىكى خۇش خەۋەر خۇددى سىلەرگە يەتكەن چاغدىكىگە ئوخشاش، ھەرقانداق يەردە تېز تارقالسۇن ۋە ھۆرمەت بىلەن قوبۇل قىلىنسۇن.


خۇداغا ھەمىشە شۈكۈر ئېيتىشىمىزدىكى يەنە بىر سەۋەب شۇكى، سىلەر بىزدىن خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنى قوبۇل قىلغىنىڭلاردا، بۇ سۆزنى ئىنسانلارنىڭ سۆزى ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ سۆزى دەپ ئېتىراپ قىلدىڭلار. ئەمەلىيەتتىمۇ، بۇ سۆز خۇدانىڭ سۆزى بولۇپ، ئۇ ھازىر ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغان سىلەرگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتمەكتە.


شۇنىڭ ئۈچۈن، قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، ئېتىقادىڭلاردا تەۋرەنمەي، چىڭ تۇرۇڭلار. رەببىمىزگە ئەستايىدىللىق بىلەن خىزمەت قىلىڭلار. رەببىمىز ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىڭلارنىڭ ھەرگىز بىھۇدە كەتمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىڭلار.


مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن خۇدانىڭ بۇ ھەقىقىتىدە چىڭ تۇرساڭلار، ئۇ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلىسىلەر. ئۇنداق بولمىغاندا، بىھۇدە ئېتىقاد قىلغان بولىسىلەر.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىنسانلار توپلىغان بايلىقىنىڭ ئوتقا ئوتۇن بولىدىغانلىقىنى، ئەللەرنىڭ بىھۇدە مېھنەت قىلىپ، ھالىدىن كېتىدىغانلىقىنى ئىرادە قىلغان ئەمەسمۇ؟


ئۆينى سالمىسا ئۆزى پەرۋەردىگار، ئۆي سالغۇچىلارنىڭ ئەجرى بىكار كېتەر. ناۋادا شەھەرنى قوغدىمىسا پەرۋەردىگار، بىھۇدىدۇر ئويغاق تۇرسىمۇ قاراۋۇللار.


شۇ سەۋەبتىن تاقىتىم تاق بولۇپ، ئېتىقادىڭلارنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، تىموتىينى يېنىڭلارغا ئەۋەتكەنىدىم. مەن شەيتاننىڭ سىلەرنى ئازدۇرۇشى ۋە بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ سىلەرگە سىڭدۈرگەن ئەجرىمىزنىڭ بىكارغا كېتىشىدىن ئەنسىرىگەنىدىم.


مەن ئىلگىرى سىلەرگە سىڭدۈرگەن ئەجرىمنىڭ بىكار كېتىشىدىن ئەنسىرەۋاتىمەن.


مەن ئۇ يەرگە خۇدادىن كەلگەن ۋەھىيگە بىنائەن بارغانىدىم. ئۇ يەردە مەن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىلىرى بىلەن ئايرىم سۆزلىشىپ، ئۆزۈم يەھۇدىي ئەمەسلەر ئارىسىدا تارقىتىپ كېلىۋاتقان خۇش خەۋەرنىڭ مەزمۇنىنىڭ ئۇلارنىڭكىگە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردۈم. بۇنداق قىلىشىم بۇرۇنقى ياكى كەلگۈسىدىكى خىزمەتلىرىمنىڭ بىكار بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئىدى.


بىز خۇدا بىلەن بىللە خىزمەت قىلغۇچى سۈپىتىدە خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنىڭ سىلەردە بىكارغا كەتمەسلىكىنى ئۆتۈنىمىز.


لېكىن، ھازىر ئەلچى بولۇشۇم خۇدانىڭ ماڭا كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق بولدى. ئۇنىڭ ماڭا قىلغان مېھىر-شەپقىتى بىكارغا كەتمىدى. چۈنكى، خۇدانىڭ خىزمىتىدە ئەلچىلەرنىڭ ھەممىسىدىن كۆپ ئەجىر سىڭدۈردۈم. ئەمەلىيەتتە، مەن ئۆز كۈچ-قابىلىيىتىم بىلەن ئەمەس، بەلكى ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەن خۇدانىڭ كۈچى بىلەن ئىشلىدىم.


ئۇلارنىڭ ئەمگىكى بىكارغا كەتمەيدۇ، ئۇلارنىڭ تۇغقان پەرزەنتلىرى بالا-قازاغا ئۇچرىمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بەخت ئاتا قىلىنغان خەلق ھېسابلىنىدۇ.


لېكىن مەن ئۇنىڭغا مۇنداق دېدىم: «مېنىڭ مېھنەتلىرىم بىھۇدىدۇر، مەن كۈچۈمنى سەرپ قىلىپ، ھېچبىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمىدىم.» ئەمما پەرۋەردىگار ماڭا چوقۇم ئادىل مۇئامىلە قىلىدۇ، مېنىڭ مۇكاپاتىم پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىدۇر.


تۆگىقۇش ئۆز بالىلىرىغا رەھىمسىزلەرچە مۇئامىلە قىلىدۇ، خۇددى بالىلىرى ئۆزىنىڭ ئەمەستەك ئىش قىلىدۇ. ئۇ تۇغۇتى بىھۇدە ئىشتەك تۇغۇتىغا ئانچە پەرۋا قىلمايدۇ.


ئۇ ۋاقىتتا، رەببىمىز ئۆزىنىڭ مۇقەددەس خەلقى تەرىپىدىن ئۇلۇغلىنىدۇ ۋە مەدھىيىلىنىدۇ. شۇنداقلا، سىلەرمۇ بىز يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرگە ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، رەببىمىزنى مەدھىيىلىگەنلەر ئارىسىدا بولىسىلەر.


قەلبىمنى پاك تۇتقىنىم بىھۇدىمۇ؟ گۇناھسىز ياشاش ھاياتتا بىكارمىدۇ؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite