Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 1:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 رەببىمىز ھەققىدىكى سۆزلەر سىلەردىن باشلىنىپ، ماكېدونىيە ۋە يۇنانغىلا ئەمەس، ھەممە يەرگە تارقىلىپتۇ. بىز ئۇ يەرلەرگە بارغىنىمىزدا، كىشىلەرنىڭ سىلەرنىڭ خۇداغا بولغان ئېتىقادىڭلاردىن ئاللىقاچان خەۋىرى بارلىقىنى ئۇقتۇق. شۇڭا، بىزنىڭ ئېتىقادىڭلار توغرىسىدا يەنە ئېغىز ئېچىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق.

Gade chapit la Kopi




سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 1:8
20 Referans Kwoze  

ئالدى بىلەن ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھەممىڭلار ئۈچۈن خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمەن. چۈنكى، ئېتىقادىڭلار دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە سۆزلەنمەكتە.


بۇنىڭ كەينىدىن، ئاسماننىڭ قەرىدە ئۇچۇپ يۈرگەن باشقا بىر پەرىشتىنى كۆردۈم. بۇ پەرىشتە يەر يۈزىدە ياشايدىغانلارغا، يەنى ھەربىر خەلق، قەبىلە ۋە ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرگە يەتكۈزىدىغان مەڭگۈلۈك خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كەلگەنىدى.


دېمىترگە كەلسەك، ھەممەيلەن ئۇنى ياخشى ئادەم، دەپ ماختىماقتا. بۇنى ئۇنىڭ ھەقىقەت يولىدا قانداق ماڭغانلىقىدىنمۇ بىلگىلى بولىدۇ. بىزمۇ ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمىز. گۇۋاھلىقىمىزنىڭ راستلىقىنى سەنمۇ بىلىسەن.


شۇڭا، بىز خۇداغا مەنسۇپ بولغان ھەرقايسى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئارىسىدا سىلەردىن پەخىرلىنىمىز. چۈنكى، سىلەر بېشىڭلارغا كەلگەن ھەر خىل زىيانكەشلىك ۋە قىيىن ئەھۋاللارغا بەرداشلىق بەردىڭلار ۋە ئېتىقادىڭلاردىن تەۋرەنمىدىڭلار.


تاغ-داۋانلاردىن ئېشىپ، خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگۈچىنىڭ قەدەملىرى نەقەدەر گۈزەل-ھە! ئۇ تىنچلىقنى ئېلان قىلىدۇ، ياخشى خەۋەر ئېلىپ كېلىدۇ، نىجاتلىقنى ئېلان قىلىدۇ، ئۇ سىئونغا: «سېنىڭ خۇدايىڭ ھۆكۈمراندۇر» دەيدۇ.


قېرىنداشلار، سۆزىمىزنىڭ ئاخىرىدا بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. رەببىمىز ھەققىدىكى خۇش خەۋەر خۇددى سىلەرگە يەتكەن چاغدىكىگە ئوخشاش، ھەرقانداق يەردە تېز تارقالسۇن ۋە ھۆرمەت بىلەن قوبۇل قىلىنسۇن.


مۇقەددەس روھ ۋە تويى بولىدىغان قىز : «كەل!» دېدى. ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسىمۇ: «كەل!» دېسۇن. ئۇسسىغان كەلسۇن، خالىغان كىشى ھاياتلىق سۈيىدىن ھەقسىز ئىچسۇن.


سىلەرنىڭ رەببىمىزگە ئىتائەتمەن ئىكەنلىكىڭلاردىن ھەممەيلەن خەۋەر تاپتى. شۇڭا، سىلەردىن ناھايىتى خۇرسەنمەن. بىراق، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتا ئاقىل بولۇشۇڭلارنى، يامان ئىشلاردىن خالىي بولۇشۇڭلارنى خالايمەن.


نۇرغۇن ئەللەر كېلىپ شۇنداق دېيىشىدۇ: «كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا چىقايلى، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا بارايلى، ئۇ يەردە پەرۋەردىگار بىزگە ئۆز يولى توغرۇلۇق تەلىم بېرىدۇ، بىز ئۇنىڭ يولىدا ماڭىمىز.» پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمى سىئوندىن، سۆزى يېرۇسالېمدىن تارقىلىدۇ.


يېترو بۇلارنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولدى.


يۇقىرىدا ئېيتقانلىرىمىزغا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا ئالدىدا جەزم قىلالايمىز.


خۇدا توغرىسىدىكى تەلىمنى سىلەر ئۆزۈڭلاردىن چىققان ياكى يالغۇز سىلەرگىلا يېتىپ كەلگەن، دەپ ئويلايدىكەنسىلەر. ب ۇ دۇرۇس ئەمەس!


مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مۆجىزە كۆرسىتىمەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قۇتقۇزۇلغانلارنى، ئىسمىمنى ئاڭلاپ باقمىغان، ئۇلۇغلۇقۇمنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان تارشىش، لىۋىيە، ئوقيا ئېتىش بىلەن داڭ چىقارغان لۇد، تۇبال، ياۋان ۋە يىراق دېڭىزدىكى ئاراللارغا ئەۋەتىمەن. ئۇلار ئۇ يەرلەردە مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇم توغرىسىدا سۆزلەيدۇ.


غاللىيو يۇنان ئۆلكىسىنىڭ ۋالىيسى بولغان ۋاقتىدا، يەھۇدىيلار بىرلىشىپ پاۋلۇسنى تۇتۇپ سوتقا ئاپىرىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن:


چۈنكى، ماكېدونىيە ۋە يۇنان ئۆلكىلىرىدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئىئانە توپلاپ، يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلار ئارىسىدىكى يوقسۇللارغا ياردەم بېرىشنى لايىق تاپتى.


خۇداغا شۈكۈر! خۇدا ھەمىشە بىزنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ زەپەر قوشۇنىدا بولۇشقا مۇيەسسەر قىلىپ، بىز ئارقىلىق خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش بىلەن ئۇنى تونۇشنىڭ خۇش پۇرىقىنى ھەممە يەردە چاچماقتا.


ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرى قەلبىڭلاردىن تولۇق ئورۇن ئالسۇن. بىر-بىرىڭلارغا خۇدادىن كەلگەن بارلىق ئەقىل-پاراسەت بىلەن تەلىم بېرىڭلار ۋە نەسىھەت قىلىڭلار. مىننەتدارلىققا تولغان قەلبىڭلار بىلەن خۇداغا زەبۇر مۇناجاتلىرى، مەدھىيە ناخشىلىرى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامىدىن كەلگەن غەزەللەرنى ئېيتىڭلار.


شۇڭا، مەن شۇنى ئۈمىد قىلىمەنكى، ئېتىقادچى ئەرلەر مەيلى قەيەردە بولسۇن، ھەر قېتىم دۇئاغا جەم بولغاندا باشقىلارغا غەزەپلەنمەي، دەتالاش قىلماي، توغرا ئەمەللىك قوللىرىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلسۇن.


بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلىكىمدىن كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت چەكتىم. ھەتتا جىنايەتچىلەردەك كىشەنلىنىپ، زىندانغا تاشلاندىم. لېكىن، ھېچكىم خۇدانىڭ سۆزىنى كىشەنلىيەلمەيدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite