Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 1:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 خۇدائاتىمىزنىڭ ئالدىدا ئېتىقادىڭلاردىن كەلگەن ياخشى ئىشلىرىڭلارنى، مېھىر-مۇھەببىتىڭلار بىلەن سىڭدۈرگەن ئەجرىڭلارنى ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە باغلىغان ئۈمىدىڭلاردىن كەلگەن سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بەرگەنلىكىڭلارنى دائىم ئەسلەپ تۇرۇۋاتىمىز.

Gade chapit la Kopi




سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 1:3
55 Referans Kwoze  

مانا بۇ دۇنيادا ئېتىقاد، ئۈمىد ۋە مېھىر-مۇھەببەتتىن ئىبارەت بۇ ئۈچى داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئۇلۇغ بولغىنى مېھىر-مۇھەببەتتۇر.


سېنىڭ ئەمەلىيىتىڭنى، مېھىر-مۇھەببىتىڭنى، ئېتىقادىڭنى، ئەجرىڭنى ۋە سەۋر-تاقىتىڭنى بىلىمەن. ھازىرقى ئەمەلىيىتىڭنىڭ دەسلەپكى ئەمەلىيىتىڭدىن ئېشىپ چۈشۈۋاتقانلىقىنىمۇ بىلىمەن.


بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خەتنە قىلىش ياكى قىلماسلىق مۇھىم ئەمەس، پەقەت مېھىر-مۇھەببەت ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ئېتىقادلا مۇھىم، دەپ قارايمىز.


شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز دائىم شۇنداق دۇئا قىلىمىزكى، سىلەرنى چاقىرغان خۇدا بۇ ئۇلۇغ چاقىرىقىغا مۇناسىپ ياشىشىڭلارغا ياردەم قىلغاي. ئۇ ئۆز كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ياخشى نىيىتىڭلارنى ھەمدە ئېتىقادىڭلار بىلەن قىلغان ھەممە ئىشىڭلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغاي.


خۇدانى سۆيۈش ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىش دېمەكتۇر. ئۇنىڭ ئەمرلىرىمۇ ئېغىر ئەمەس.


شۇڭا، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن بوشاشمايلى. شۇنداق قىلساق، ۋاقتى كەلگەندە چوقۇم مول ھوسۇل ئالالايمىز.


ئېتىقاد يولىدا ماڭغىنىڭلاردا، ئۈمىدنىڭ مەنبەسى بولغان خۇدا قەلبىڭلارنى شاد-خۇراملىق ۋە تىنچ-ئامانلىققا تولدۇرغاي! بۇنىڭ بىلەن، سىلەر مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئارقىلىق ئۈمىدكە تولۇپ تاشقايسىلەر.


ئەيسا مەسىھكە بۇ ئۈمىدنى باغلىغان ھەرقانداق كىشى ئۆزىنى پاك تۇتىدۇ. چۇنكى، ئەيسا مەسىھ پاكتۇر.


لېكىن، يېقىندا يېنىڭلاردىن قايتىپ كەلگەن تىموتىي ئېتىقادىڭلار ۋە مېھىر-مۇھەببىتىڭلار توغرىسىدا بىزگە ياخشى خەۋەر ئېلىپ كەلدى. ئۇ سىلەرنىڭ بىزنى ھەر دائىم خۇرسەنلىك بىلەن ئەسلەپ تۇرغانلىقىڭلارنى، خۇددى بىزنىڭ سىلەرنى كۆرگۈمىز كەلگەندەك، سىلەرنىڭمۇ بىزنى كۆرگۈڭلار كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.


ئەزىز بالىلىرىم، قۇرۇق سۆز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيەت ۋە ھەقىقەت بىلەن باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى.


خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىش قىلىپ، ئۇنىڭ ۋەدە قىلغانلىرىغا مۇيەسسەر بولۇش ئۈچۈن، سەۋر قىلىشىڭلارغا توغرا كېلىدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن، قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، ئېتىقادىڭلاردا تەۋرەنمەي، چىڭ تۇرۇڭلار. رەببىمىزگە ئەستايىدىللىق بىلەن خىزمەت قىلىڭلار. رەببىمىز ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىڭلارنىڭ ھەرگىز بىھۇدە كەتمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىڭلار.


قېرىنداشلار، سىلەر ئۈچۈن خۇداغا ھەر دائىم شۈكۈر ئېيتىشنى بۇرچىمىز دەپ بىلىمىز. چۈنكى، ئېتىقادىڭلار بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ، بىر-بىرىڭلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلارمۇ چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ.


قەدىرلىك قېرىنداشلار، ئەگەر ۋىجدانىمىز ئازابلانمىسا، يۈرىكىمىز توق ھالدا خۇدانىڭ ئالدىغا بارالايمىز.


بەلكى قەلبىڭلاردىكى ئۆچمەس گۈزەللىك، يەنى مۇلايىملىق ۋە تەمكىنلىكىڭلاردىن ئىبارەت بولسۇن چۈنكى، بۇنداق گۈزەللىك خۇدانىڭ ئالدىدا ئىنتايىن قىممەتلىكتۇر.


ئىبراھىم خۇدا تەرىپىدىن سىنالغىنىدا، ئېتىقادى ۋەجىدىن ئوغلى ئىسھاقنى قۇربانلىق سۈپىتىدە خۇداغا ئاتىدى. گەرچە خۇدا ئۇنىڭغا، «مەن ساڭا ۋەدە قىلغان ئەۋلادلىرىڭ ئىسھاقتىن كېلىپ چىقىدۇ» دېگەن بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا بىردىنبىر ئوغلىنى قۇربان قىلىشقا تەييار ئىدى.


شۇنىڭ بىلەن، ئىبراھىم سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتۈپ، خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئېرىشتى.


بۇنداق دۇئا-تىلاۋەت قىلىش ياخشىدۇر. ئۇ، قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ.


قېرىنداشلار، سىلەر ئەركىنلىككە چاقىرىلدىڭلار. لېكىن، بۇ ئەركىنلىكىڭلار گۇناھكار تەبىئىتىڭلارنىڭ ئارزۇلىرىنى قاندۇرۇشنىڭ باھانىسى بولۇپ قالمىسۇن. ئەكسىچە، بۇنى بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن خىزمەت قىلىشنىڭ پۇرسىتى، دەپ بىلىڭلار.


ئەيسا مەسىھ خۇدائاتىمىزنىڭ ئىرادىسى بويىچە گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلىپ، بىزنى بۇ رەزىل دۇنيادىن قۇتقۇزدى.


سىلەر ئۈچۈن كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن مەريەمگە سالام ئېيتقايسىلەر.


مۇقەددەس يازمىلاردىكى سۆزلەرنىڭ ھەممىسى بىزگە تەلىم بولسۇن دەپ بۇرۇنلا يېزىپ قالدۇرۇلغان. خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئېرىشكەنگە قەدەر ئۇ سۆزلەر بىزنى رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋە سەۋر-تاقەتلىك قىلىدۇ.


ئۈمىد ئىچىدە شاد-خۇرام ياشاڭلار، قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىڭلار. ھەر ۋاقىت دۇئادا بولۇڭلار.


ھەمىشە سەۋرچانلىق بىلەن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ، خۇدادىن شان-شەرەپ، ھۆرمەت-ئېھتىرام ۋە ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقىنى ئىزدىگەنلەرگە ئۇ مەڭگۈلۈك ھايات بېرىدۇ.


«كورنىلىي! دۇئايىڭ خۇداغا يەتتى. خۇدا نامراتلارغا قىلغان خەير-ساخاۋىتىڭدىنمۇ خەۋەردار.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىر يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار! خۇدانىڭ يولىغا قايتىڭلار! شۇنداق قىلغاندا، خۇدا گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ.


ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا يەنە مۇنداق دېدى: - مېنى سۆيسەڭلار، ئەمرلىرىمگە ئەمەل قىلىسىلەر.


سۆيگۈنى ئۆچۈرەلمەس ئۇلۇغ سۇلار، چۆكتۈرەلمەس ئۇنى توپانلار. ئەگەر بىركىم ئۇنى سېتىۋالىمەن دېسە بايلىقىغا، ئاخىر ئۆزى مەسخىرىگە قالار.


خۇدا دانالىقنى، بىلىم ۋە خۇشاللىقنى ئۆزىنى خۇشال قىلغان ئادىمىگە ئاتا قىلىدۇ. لېكىن گۇناھكارلارغا مال-دۇنيا توپلايدىغان جاپالىق ئىش بېرىپ، ئۇلارنىڭ توپلىغان مال-دۇنيالىرىنى، خۇدا ئۆزىنى خۇشال قىلغانلارغا ئېلىپ بېرىدۇ. گۇناھكارلارنىڭ بۇ ئىشى خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىكتۇر.


ياقۇپ راھىلەنى ئەمرىگە ئېلىش ئۈچۈن يەتتە يىل ئىشلىگەن بولسىمۇ، بۇ كۈنلەر ئۇنىڭغا بىرنەچچە كۈندەكلا بىلىندى. چۈنكى ئۇ راھىلەنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى.


سىلەرنى سىلەر ئېھتىياج بولغان بارلىق ياخشى نەرسىلەر بىلەن تەمىنلەپ، ئۆز ئىرادىسىنىڭ ئىجراچىلىرى قىلغاي! ئەبەدىلئەبەد شان-شەرەپكە لايىق بولغان ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق سىلەرنى ئۆزىنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا يېتەكلىگەي، ئامىن!


شۇڭا، خۇداغا ئەنە شۇ ئىسرائىللاردەك ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، يىقىلىپ چۈشمەسلىكىمىز ئۈچۈن، ھەربىرىمىز بۇ ئاراملىقتىن بەھرىمەن بولۇشقا تىرىشايلى.


ئەلۋەتتە، خۇدانىڭ سۆزىنى پايدا كۆزلەپ بۇرمىلايدىغانلار ھەرگىز بۇنداق ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ. بىز بولساق، ئۇنداق ئادەملەردىن ئەمەسمىز. بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ھەم خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلەر بولغاچقا، خۇدا ئالدىدا خۇدانىڭ سۆزىنى سەمىمىي يەتكۈزۈۋاتقانلاردۇرمىز.


ئەمدى بۇ سىر خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە ۋە بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا يېزىلغىنىدەك ئاشكارىلاندى ھەمدە يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن ئۇلارغا يەتكۈزۈلمەكتە.


ئەگەر ئەمرلىرىمگە ئەمەل قىلساڭلار، خۇددى مەن ئاتامنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغان ۋە ھەمىشە ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدە بولغىنىمدەك، سىلەرمۇ ھەمىشە مېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىمدە بولىسىلەر.


بەرداشلىق بېرىش ھەققىدىكى ئەمرىمگە ئەمەل قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلارنى سىناش مەقسىتىدە پۈتۈن يەر يۈزىگە بالايىئاپەت چۈشۈرۈلىدىغان ۋاقىتتا سېنى ئۇنىڭدىن قوغداپ قالىمەن.


رەببىمىز ماڭا مول مېھىر-شەپقىتىنى كۆرسىتىپ، مېنى ئەيسا مەسىھتىن كېلىدىغان ئېتىقاد ۋە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن تولدۇردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite