Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 9:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9-11 ياخشى، ئەمىسە بارايلى، _ دېدى سائۇل. ئۇلار خۇدانىڭ نەزىرى چۈشكەن ئادەم تۇرىدىغان شەھەرگە قاراپ ماڭدى. ئۇلار داۋانغا چىقىپ، شەھەرگە بارىدىغان يولدا كېتىۋاتقاندا، قۇدۇقتىن سۇ ئەكېلىشكە چىققان قىزلارنى ئۇچرىتىپ، ئۇلاردىن: _ غايىبنى بىلگۈچى شەھەردىمۇ؟ _ دەپ سورىدى. (ئۇ زامانلاردا ئىسرائىلىيەدە ھازىر پەيغەمبەر دېيىلگەن كىشى، «غايىبنى بىلگۈچى» دەپ ئاتىلاتتى. كىشىلەر خۇدادىن بىرەر ئىشنى ئىلتىجا قىلماقچى بولسا، «غايىبنى بىلگۈچىنىڭ قېشىغا بارايلى» دەيتتى.)

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 9:9
16 Referans Kwoze  

ئۇلار غايىبنى بىلگۈچىلەرگە: ‹غايىبانە ئالامەتلەرنى سۆزلىمەڭلار!› دەيدۇ. ئۇلار پەيغەمبەرلەرگە: ‹بىزگە توغرا-خاتا توغرىسىدىكى ۋەھىيلەرنى يەتكۈزمەڭلار. بىزگە شېرىن سۆزلەرنى قىلىڭلار، بىزگە خىيالىي، يالغان نەرسىلەرنى سۆزلەپ بېرىڭلار.


ئاندىن ئامازيا ئاموسقا مۇنداق دېدى: _ ئى غايىبنى بىلگۈچى، بۇ يەردىن كەت، يەھۇدىيە زېمىنىغا كەت. شۇ يەردە ۋەھىي يەتكۈزۈپ، جېنىڭنى باق!


پادىشاھ داۋۇتنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى باشتىن-ئاخىر غايىبنى بىلگۈچى سامۇئىل، ناتان پەيغەمبەر ۋە غايىبنى بىلگۈچى گادنىڭ تەزكىرىلىرىگە پۈتۈلگەندۇر.


شىلوموت ۋە ئۇنىڭ جەمەتى يەنە غايىبنى بىلگۈچى سامۇئىل، كىشنىڭ ئوغلى پادىشاھ سائۇل، نېرنىڭ ئوغلى ئابنېر ۋە مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئابلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ھەدىيە قىلغان قىممەتلىك بۇيۇملارنىمۇ باشقۇراتتى.


پەرۋەردىگار بارلىق پەيغەمبەرلەر ۋە غايىبنى بىلگۈچىلەر ئارقىلىق ئىسرائىلىيە بىلەن يەھۇدىيە خەلقىگە: «يامان يولدىن قايتىڭلار! مەن سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا ئەمر قىلغان ۋە خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق سىلەرگە يەتكۈزگەن قانۇندىكى بارلىق ئەمر-پەرمانلىرىمغا ئەمەل قىلىڭلار» دەپ ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ،


ئەتىسى داۋۇت ئورنىدىن تۇرغاندا، داۋۇتقا ياردەمدە بولۇۋاتقان غايىبنى بىلگۈچى پەيغەمبەر گادقا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلدى. پەرۋەردىگار:


پەرۋەردىگار سىلەرگە قاتتىق ئۇيقۇ بەردى. پەيغەمبەرلىرىڭلارنىڭ كۆزلىرى يۇمدۇرۇلۇپ قويۇلغان. غايىبنى بىلگۈچىلەرنىڭ بېشى چۈمكەپ قويۇلغان.


بالا قوشكېزەك بولۇپ، ئۇلار ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدىلا بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشاتتى. رىبەقا: «نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟» دەپ پەرۋەردىگاردىن سورىدى.


ئاسا خانانىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا قاتتىق ئاچچىقى كەلدى ۋە ئۇنىڭ پۇتىغا تاقاق سېلىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر قىسىم كىشىلەرنى قاتتىق باستۇردى.


شۇ ۋاقىتتا غايىبنى بىلگۈچى خانانى يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ سىز پەرۋەردىگارىڭىز خۇداغا تايانماي، دۈشمىنىڭىز بولغان ئاررام پادىشاھىغا تاياندىڭىز. بۇ سىزنى ئاررام پادىشاھىنىڭ قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ.


دەرۋازىغا قاراشقا جەمئىي 212 كىشى تاللانغانىدى. نەسەبنامىدا ئۇلار ئۆزلىرى تۇرىدىغان يېزىلار بويىچە خاتىرىلەنگەنىدى. پادىشاھ داۋۇت بىلەن غايىبنى بىلگۈچى سامۇئىل بۇ مۇھىم ۋەزىپىنى ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا تاپشۇرغانىدى.


يوشۇۋا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئىسرائىللار پەرۋەردىگاردىن: _ كەنئان زېمىنىدىكى خەلقلەر بىلەن جەڭ قىلغىلى بىزدىن قايسى قەبىلە ئاۋۋال چىقسۇن؟ _ دەپ سورىدى.


پەرۋەردىگار داۋۇتقا ياردەمدە بولۇۋاتقان غايىبنى بىلگۈچى گادقا:


ئۇلار: _ سەن خۇدادىن سوراپ باقساڭ، بىزنىڭ سەپىرىمىز ئوڭۇشلۇق بولامدىكىن، _ دېدى.


پۈتۈن تەن كۆز بولسا، ئۇ قانداقمۇ ئاڭلىيالايدۇ؟ پۈتۈن تەن قۇلاق بولسا، ئۇ پۇراقنى قانداقمۇ سېزەلەيدۇ؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite