Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 9:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 _ ئەگەر ئۇ ئادەمنىڭ يېنىغا بارساق، ئۇ ئادەمگە نېمە سوۋغا قىلىمىز؟ _ دېدى سائۇل، _ خۇرجۇنىمىزدا يېگۈدەك نەرسە قالمىغان يەردە، ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغۇدەك نېمە بولسۇن!

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 9:7
10 Referans Kwoze  

ئەمەلدارى خازائېلغا: _ سەن سوۋغا-سالاملارنى ئېلىپ بېرىپ، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى بىلەن كۆرۈشكىن. ئۇ كىشى پەرۋەردىگاردىن: «مېنىڭ كېسىلىم ساقىيارمۇ؟» دېگەن سوئالىمنى سوراپ باقسۇن، _ دېدى.


سەن ئۇنىڭ قېشىغا ئون نان، بىرنەچچە توقاچ ۋە بىر قۇتا ھەسەل ئالغاچ بارغىن. ئۇ ساڭا بالىمىزنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، _ دېدى.


بائال-شالىشاھتىن بىر ئادەم كېلىپ، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشاغا تۇنجى يىغىۋېلىنغان ئارپا ئۇنىدا قىلىنغان يىگىرمە نان بىلەن يېڭىدىن يىغىۋېلىنغان بىر خالتا دان بەردى. ئېلىشا خىزمەتكارىغا: _ بۇلارنى كۆپچىلىككە تارقىتىپ بەرگىن، ئۇلار يېسۇن! _ دېدى.


نائامان ئادەملىرى بىلەن خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشانىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا: _ مەن ئەمدى پۈتۈن ئالەمدە ئىسرائىللارنىڭ خۇداسىدىن باشقا خۇدا يوق ئىكەنلىكىنى بىلدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەتكارلىرىنىڭ سوۋغىتىنى قوبۇل قىلغايلا، _ دېدى.


پادىشاھ: _ ئەمىسە بارغىن، ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا مەن بىر مەكتۇپ ئەۋەتىمەن، _ دېدى. نائامان ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا 350 كىلو كۈمۈش، 70 كىلو ئالتۇن ۋە 10 قۇر كىيىم-كېچەك ئېلىپ باردى.


مەن سىزگە ئۆزۈمنىڭ ھەدىيەسىنى كەلتۈرمىگۈچە بۇ يەردىن كەتمىگەيسىز، _ دېدى. _ سەن قايتىپ كەلگۈچە ساقلايمەن، _ دېدى پەرۋەردىگار.


پادىشاھ پەيغەمبەرگە: _ مەن بىلەن بارگاھىمغا بېرىپ، غىزالانغىن، مەن ساڭا ئىنئام بېرىمەن، _ دېدى.


خازائېل قىرىق تۆگىگە دەمەشقنىڭ ئەڭ ياخشى نەرسىلىرىدىن ئارتىپ، ئېلىشا بىلەن كۆرۈشكىلى ماڭدى. ئۇ ئېلىشانىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: _ ئوغۇللىرى ئاررام پادىشاھى بەنھاداد مېنى سىلىنىڭ ئالدىلىرىغا: «مەن بۇ كېسەلدىن ساقىيالايمەنمۇ؟» دېگەن سوئالىنى سوراپ بېقىش ئۈچۈن ئەۋەتتى، _ دېدى.


سىلەر بىرقانچە ئوچۇم ئارپا ۋە بىر بۇردا نان ئۈچۈن خەلقىم ئارىسىدا ماڭا كۇپۇرلۇق قىلىسىلەر. يالغان سۆزگە خۇشتارلارغا يالغان سۆزلەيسىلەر. گۇناھسىز ئادەملەرنى نابۇت قىلىسىلەر، ئۆلۈمگە لايىق بولغان ئادەملەرنىڭ جېنىنى ساقلاپ قالىسىلەر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite