Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 9:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 سائۇل بىر خىزمەتكار بىلەن ئېشەكلەرنى ئىزدەپ، ئەفرايىم تاغلىق رايونىغا ۋە شالىشاھ زېمىنىغا باردى، ئەمما ئېشەكلەرنى ئۇ يەردىن ئىزدەپ تاپالمىدى. ئۇلار شائالىم زېمىنىغا ئۆتتى، لېكىن ئېشەكلەر ئۇ يەردىمۇ يوق ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار بىنيامىن زېمىنىغا ئۆتۈپ، ئۇ يەرنى كېزىپ چىقتى، لېكىن ئېشەكلەرنى ئۇ يەردىنمۇ تاپالمىدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 9:4
9 Referans Kwoze  

بائال-شالىشاھتىن بىر ئادەم كېلىپ، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشاغا تۇنجى يىغىۋېلىنغان ئارپا ئۇنىدا قىلىنغان يىگىرمە نان بىلەن يېڭىدىن يىغىۋېلىنغان بىر خالتا دان بەردى. ئېلىشا خىزمەتكارىغا: _ بۇلارنى كۆپچىلىككە تارقىتىپ بەرگىن، ئۇلار يېسۇن! _ دېدى.


ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلئازارمۇ ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى گىبئاھ شەھىرىدە دەپنە قىلىندى. بۇ شەھەر ئۇنىڭ ئوغلى پىنىخاسقا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەنىدى.


شۇ چاغدا، سالىم يېزىسىنىڭ يېنىدىكى ئاينون دېگەن يەردە يەھيا پەيغەمبەرمۇ كىشىلەرنى چۆمۈلدۈرۈۋاتاتتى. چۈنكى، ئۇ يەرنىڭ سۈيى مول ئىدى. كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىشاتتى.


ئۇ زامانلاردا ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى يوق بولۇپ، ئەفرايىم تاغلىق رايونىنىڭ چەت بىر يېرىدە لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان بىر ئادەم ياشايتتى. ئۇ يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەم شەھىرىدە ياشايدىغان بىر ئايالنى ئۆزىگە توقاللىققا ئالدى.


ئەفرايىم تاغلىق رايونىدا مىكاھ ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى.


دېمەك، ياقۇپ پاددان-ئاررامدىن كەنئان رايونىدىكى شەكەم شەھىرىگە ئامان-ئېسەن قايتىپ كېلىپ، شەھەر ئەتراپىدىكى تۈزلەڭلىكتە ئولتۇراقلاشتى.


شائالاببىن، ئاييالون، يىتلاھ،


بىر كۈنى كىشنىڭ بىرنەچچە ئېشىكى يوقاپ كەتتى. كىش ئوغلى سائۇلغا: _ بالام، خىزمەتكارلاردىن بىرەرسىنى ئېلىپ، ئېشەكلەرنى ئىزدەپ باققىنا! _ دېدى.


ئەفرايىم تاغلىق رايونىغا جايلاشقان راماتايىم-زوفىم شەھىرىدە بىر كىشى ياشايتتى. ئۇنىڭ ئىسمى ئەلقانا بولۇپ، ئۇ يىروخامنىڭ ئوغلى ئىدى. يىروخام ئەلىھۇنىڭ ئوغلى، ئەلىھۇ تۆھۈنىڭ ئوغلى، تۆھۈ ئەفرايىم قەبىلىسىدىن بولغان زۇفنىڭ ئوغلى ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite