Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 9:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 بىر كۈنى كىشنىڭ بىرنەچچە ئېشىكى يوقاپ كەتتى. كىش ئوغلى سائۇلغا: _ بالام، خىزمەتكارلاردىن بىرەرسىنى ئېلىپ، ئېشەكلەرنى ئىزدەپ باققىنا! _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 9:3
7 Referans Kwoze  

بۈگۈن سەن مەندىن ئايرىلىپ، بىنيامىن زېمىنىنىڭ بىر چېتىدىكى زەلزاخ دېگەن يەرگە يېتىپ بارغاندا، راھىلەنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدا ئىككى ئادەمنى ئۇچرىتىسەن. ئۇلار ساڭا: «سىز ئىزدەپ چىققان ئېشەكلەر تېپىلدى، ئاتىڭىز ئەمدى ئېشەكلەردىن ئەمەس، سىزدىن ئەنسىرەپ، ‹ئوغلۇمنى قانداق تاپارمەن؟› دەپ ئولتۇرىدۇ» دەيدۇ.


يائىرنىڭ 30 ئوغلى بولۇپ، ئۇلار 30 ئېشەككە مېنىپ يۈرەتتى. ئۇلارنىڭ ئىلكىدە 30 شەھەر بار بولۇپ، بۇ شەھەرلەر گىلئاد زېمىنىدا ئىدى. شۇنىڭدىن بېرى بۇ شەھەرلەر «يائىرنىڭ شەھەرلىرى» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.


ئەي ئاق ئېشەككە مىنگەنلەر، ئېسىل ئېگەر-توقۇمدا ئولتۇرغانلار، يولدا پىيادە ماڭغانلار ئويلاڭلار.


كىشنىڭ سائۇل ئىسىملىك كېلىشكەن بىر ئوغلى بار ئىدى، ئۇ ئىسرائىل خەلقى ئىچىدە ئەڭ ئېگىز ۋە ئەڭ كېلىشكەن يىگىت بولۇپ، ئۇنىڭدەك يەنە بىر كېلىشكەن ئادەم يوق ئىدى.


سائۇل بىر خىزمەتكار بىلەن ئېشەكلەرنى ئىزدەپ، ئەفرايىم تاغلىق رايونىغا ۋە شالىشاھ زېمىنىغا باردى، ئەمما ئېشەكلەرنى ئۇ يەردىن ئىزدەپ تاپالمىدى. ئۇلار شائالىم زېمىنىغا ئۆتتى، لېكىن ئېشەكلەر ئۇ يەردىمۇ يوق ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار بىنيامىن زېمىنىغا ئۆتۈپ، ئۇ يەرنى كېزىپ چىقتى، لېكىن ئېشەكلەرنى ئۇ يەردىنمۇ تاپالمىدى.


ئۈچ كۈن بۇرۇن يوقاپ كەتكەن ئېشەكلىرىڭدىن غەم قىلمىغىن، ئۇلار تېپىلدى. لېكىن سەن ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئۈمىدىنىڭ سەندە ۋە ئاتاڭنىڭ جەمەتىدە ئىكەنلىكىنى بىلگىن! _ دېدى.


سائۇلنىڭ تاغىسى ئۇنى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتكارىنى كۆرۈپ: _ سىلەر زادى نەگە باردىڭلار؟ _ دەپ سورىدى. _ ئېشەكلەرنى ئىزدىگىلى چىققان! _ دېدى سائۇل، _ ئېشەكلەرنى تاپالمىغاندىن كېيىن، سامۇئىلنىڭ يېنىغا باردۇق.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite