Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 9:25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

25 ئۇ ئىككىسى سەجدىگاھتىن شەھەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆگزىدە پاراڭلاشتى، سائۇل ئۆگزىدە يېتىپ قالدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 9:25
9 Referans Kwoze  

ئەتىسى ئۇلار جاففاغا يېقىن بارغاندا، چۈش ۋاقتى بولۇپ، پېترۇس دۇئا قىلىش ئۈچۈن ئۆگزىگە چىقتى.


يېڭى ئۆي سالغان ۋاقتىڭلاردا ئۆگزىنىڭ تۆت ئەتراپىغا قىر چىقىرىپ، كىشىلەرنىڭ ئۆگزىدىن يىقىلىپ چۈشۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىڭلار، بولمىسا، قان قەرزگە قالىسىلەر.


شۇنىڭ بىلەن خەلق دەرەخ شاخلىرىنى كېسىپ كېلىپ، ئۆگزىلىرىگە، ھويلىلىرىغا، ئىبادەتخانا ھويلىسىغا ۋە سۇ دەرۋازىسى ھەم ئەفرايىم دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيدانلارغا كەپە ياسىدى.


بىر كۈنى كەچقۇرۇن داۋۇت ئورنىدىن تۇرۇپ، ئوردىنىڭ ئۆگزىسىدە ئۇيان-بۇيان مېڭىپ يۈرەتتى. ئۇ تۇيۇقسىز ناھايىتى چىرايلىق بىر ئايالنىڭ يۇيۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى.


مېنىڭ سىلەرگە مەخپىي ئېيتقانلىرىمنى سىلەر ئوچۇق-ئاشكارا ئېيتىۋېرىڭلار. قۇلىقىڭلارغا پىچىرلاپ ئېيتقانلىرىمنى خەلقىئالەمگە جاكارلاڭلار.


يېرۇسالېمدىكى ئۆيلەر ۋە يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ ئۆيلىرى توفەتكە ئوخشاش جەسەتلەر بىلەن بۇلغىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرىدە يۇلتۇزلارغا ئاتاپ كۈجە كۆيدۈردى ۋە بۇت ئىلاھلارغا ئاتاپ ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇندى.›»


ئۆگزىدىكىلەر ئۆيىدىكى نەرسە-كېرەكلىرىنى ئالماي قاچسۇن.


بىراق، ئادەمنىڭ تولىلىقىدىن كېسەلنى ئەكىرەلمەي، ئۆگزىگە ئېلىپ چىقىپ، ئۆگزىدىن تۈڭلۈك ئېچىپ، كېسەلنى ئۆينىڭ ئىچىگە زەمبىلدە چۈشۈرۈپ، خالايىقنىڭ ئارىسىدا تۇرغان ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئەكەلدى.


تاڭ ئاتقان چاغدا سامۇئىل ئۆگزىدە ياتقان سائۇلنى چاقىرىپ: _ ئورنۇڭدىن تۇرغىن، مەن سېنى يولغا سېلىپ قويىمەن! _ دېدى. سائۇل ئورنىدىن تۇرۇپ، سامۇئىل بىلەن بىرگە سىرتقا چىقتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite