23 كېيىن ئاشپەزگە: _ مەن ساڭا ئالاھىدە ساقلاپ قوي، دېگەن گۆشنى ئەمدى ئېلىپ كەل، _ دېدى.
ھانناغا بولسا ئىككى ئۈلۈش بېرەتتى. چۈنكى ئەلقانا ئۇنى ياخشى كۆرەتتى. ۋاھالەنكى، پەرۋەردىگار ئۇنى تۇغماس قىلىپ قويغانىدى.
تاماق ئۇلارغا يۈسۈپنىڭ داستىخىنىدىن بۆلۈپ بېرىلدى. بىنيامىنغا باشقىلاردىن بەش ھەسسە ئارتۇق بېرىلدى. ئۇلار يۈسۈپ بىلەن بىر سورۇندا يەپ-ئىچىپ، ئىنتايىن خۇشال بولۇشتى.
سامۇئىل سائۇل بىلەن خىزمەتكارىنى شۇ يەردىكى ئوتتۇزچە مېھمان ئولتۇرغان چوڭ ئۆيگە باشلاپ كىرىپ، تۆرگە ئولتۇرغۇزدى.
ئاشپەز ئوڭ يانپاشنى ئەكېلىپ، سائۇلنىڭ ئالدىغا قويدى. _ مانا، بۇ ساڭا ساقلاپ قويۇلغان گۆش، مەرھەمەت يېگىن، ئالدىڭغا تارتىپ يېگىن! مەن بۇ گۆشنى سېنى چاقىرىلغان مېھمانلار بىلەن بىرگە يېسۇن دەپ ساقلىدىم، _ دېدى سامۇئىل. شۇ كۈنى سائۇل سامۇئىل بىلەن بىللە غىزالاندى.