21 _ مەن بىنيامىندىن، يەنى ئىسرائىلنىڭ ئەڭ كىچىك قەبىلىسىدىن بولىمەن. جەمەتىمىز بۇ قەبىلە ئىچىدە ئەڭ ئەرزىمەس بىر جەمەتتۇر، سىز ماڭا نېمىشقا بۇنداق دەيسىز؟ _ دېدى سائۇل.
سامۇئىل: _ گەرچە سەن ئۆزۈڭنى مۇھىم ئادەم ئەمەس، دەپ ھېسابلاپ يۈرسەڭمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھىدۇرسەن. پەرۋەردىگار سېنىڭ بېشىڭغا ياغ قۇيدۇرۇپ، سېنى ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى قىلدى.
مەن خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى ئىچىدىكى ئەڭ ئەرزىمەس بىرى بولساممۇ، خۇدا ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، مېنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئېرىشىدىغان ۋە ئىنسانلار تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان ھەقىقىي بايلىقنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىشكە تاللىدى.
چۈنكى، خۇدا ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتقاننى تۆۋەن قىلىدۇ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقاننى ئۈستۈن قىلىدۇ.
ئەنە ئۇ يەردە كىچىك بىنيامىن قەبىلىسى ئۇلارغا باشلامچى بولۇپ ماڭماقتا. باردۇر ئۇلارنىڭ كەينىدە سەپ تۈزگەن يەھۇدا ئەمىرلىرى، شۇنداقلا زەبۇلۇننىڭ ھەم نافتالىنىڭ ئەمىرلىرى.
ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەر ئارىسىدىكى ئورنى ئەڭ يۇقىرىدۇر. ئۇلار ئېغىز ئاچسىلا، ئادەملەر قورققىنىدىن تىترەپ كېتىشىدۇ. لېكىن ئۇلار بائالغا چوقۇنۇپ، گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنى ۋەيران قىلىشتى.
سائۇلنىڭ ئەمەلدارلىرى بۇ سۆزلەرنى داۋۇتقا يوشۇرۇنچە يەتكۈزدى. داۋۇت: _ پادىشاھنىڭ كۈيۈئوغلى بولۇش سىلەرچە شۇنداق كىچىك ئىشمۇ؟ مەن بىر نامرات ۋە ئەرزىمەس ئادەم تۇرسام، _ دېدى.
_ مەن كىم ئىدىم؟ ئۇرۇق-جەمەتىمىز مېنىڭ پادىشاھىمىزغا كۈيۈئوغۇل بولۇشۇمغا قانداقمۇ ئەرزىسۇن؟ _ دېدى داۋۇت.
لېكىن بەزى ئوسال كىشىلەر: _ بۇ ئادەم قانداقمۇ بىزنى قۇتقۇزالايدۇ؟ _ دېيىشىپ، سائۇلنى مەنسىتمەي، ئۇنىڭغا ھېچقانداق سوۋغات بەرمىدى. سائۇل ھېچنېمە دېمىدى.
سامۇئىل سائۇل بىلەن خىزمەتكارىنى شۇ يەردىكى ئوتتۇزچە مېھمان ئولتۇرغان چوڭ ئۆيگە باشلاپ كىرىپ، تۆرگە ئولتۇرغۇزدى.
سائۇلنىڭ ئاتىسى كىش بىلەن ئابنېرنىڭ ئاتىسى نېر ئابىئېلنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى.
ئى خۇدا، نامايان قىلىپ قۇدرىتىڭنى، ئىلگىرى كۆرسەتكەندەك كۆرسەتكىن كۈچۈڭنى.