2 كىشنىڭ سائۇل ئىسىملىك كېلىشكەن بىر ئوغلى بار ئىدى، ئۇ ئىسرائىل خەلقى ئىچىدە ئەڭ ئېگىز ۋە ئەڭ كېلىشكەن يىگىت بولۇپ، ئۇنىڭدەك يەنە بىر كېلىشكەن ئادەم يوق ئىدى.
لېكىن پەرۋەردىگار سامۇئىلغا: «ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بىلەن ئېگىز بەستىگىلا قارىمىغىن، مەن ئۇنى تاللىمىدىم. پەرۋەردىگار ئادەملەرگە ئوخشاش تاشقى كۆرۈنۈشكە ئەمەس، بەلكى قەلبكە قارايدۇ» دېدى.
بىز ئۇ يەردە نىفىللارنى كۆردۇق (ئۇلار ئاناقنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر). بىز ئۆزىمىزنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا چېكەتكىدەك ھېس قىلدۇق ھەم ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بىز چېكەتكىدەك ئىدۇق.
«خۇدانىڭ ئوغۇللىرى» شۇ قىزلارنىڭ چىرايلىقلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزلىرى خالىغان قىزلارنى خوتۇنلۇققا ئېلىشقا باشلىدى.
پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «دانا كىشىلەر ئۆز دانالىقى ھەققىدە ماختانمىسۇن. كۈچلۈك ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ كۈچتۈڭگۈرلۈكى ھەققىدە ماختانمىسۇن. بايلار ئۆز بايلىقلىرى ھەققىدە ماختانمىسۇن.
فىلىستىيەلىكلەر تەرەپتىن گوليات ئىسىملىك كۈچتۈڭگۈر بىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇ گات شەھىرىدىن بولۇپ، بويىنىڭ ئېگىزلىكى ئۈچ مېتىرغا يېقىن كېلەتتى.
بىر كۈنى كىشنىڭ بىرنەچچە ئېشىكى يوقاپ كەتتى. كىش ئوغلى سائۇلغا: _ بالام، خىزمەتكارلاردىن بىرەرسىنى ئېلىپ، ئېشەكلەرنى ئىزدەپ باققىنا! _ دېدى.
ئاندىن سامۇئىل بىنيامىن قەبىلىسىدىكى ھەربىر جەمەتنى ئالدىغا چىقاردى. چەك تاشلاش ئارقىلىق ئۇلاردىن ماترى جەمەتى تاللاندى. ئاخىرىدا چەك تاشلاش ئارقىلىق ماترى جەمەتىدىكىلەردىن كىشنىڭ ئوغلى سائۇل تاللاندى. لېكىن ئۇلار سائۇلنى ئىزدەپ، تاپالمىدى.
نېر كىشنىڭ ئاتىسى، كىش پادىشاھ سائۇلنىڭ ئاتىسى ئىدى. پادىشاھ سائۇلنىڭ يوناتان، مالكىشۇۋا، ئابىناداب ۋە ئەشبائال ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.