Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 9:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 سامۇئىل سائۇلنى كۆرگەندە، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ مەن ساڭا ئېيتقان ئادەم دەل مۇشۇ، ئۇ مېنىڭ خەلقىم ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرىدۇ، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 9:17
10 Referans Kwoze  

مەن غەزەپلەنسەممۇ، يەنىلا سىلەرگە پادىشاھ بەردىم. ئەمدى دەرغەزەپ بىلەن پادىشاھىڭلارنى ئەمەلدىن قالدۇرىمەن.


كېيىن، ئۇلار سامۇئىل پەيغەمبەردىن بىر پادىشاھ تەيىنلەشنى تەلەپ قىلغانىدى. شۇڭا، خۇدا ئۇلارغا بىنيامىن قەبىلىسىدىن كىش ئىسىملىك ئادەمنىڭ ئوغلى سائۇلنى تاللاپ بەردى. سائۇل قىرىق يىل پادىشاھلىق قىلدى.


شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنى ئەيىبلەپ، ئۇلارنى قارغىدىم. بەزىلىرىنى ئۇرۇپ، چېچىنى يۇلدۇم. مەن ئۇلارنى بالىلىرىنىڭ يەرلىكلەر بىلەن توي قىلىشىغا يول قويماسلىقى ئۈچۈن خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچكۈزدۈم.


شۇنىڭ بىلەن مەن دەرۋازىلارنى دەم ئېلىش كۈنىدىن ئاۋۋالقى كۈنى كەچتە تاقاشنى ۋە دەم ئېلىش كۈنى ئۆتۈپ كەتمىگۈچە ئاچماسلىقنى بۇيرۇدۇم. مەن دەم ئېلىش كۈنىدە ھەرقانداق يۈك-تاقلارنىڭ كىرمەسلىكى ئۈچۈن، دەرۋازىلارغا خىزمەتكارلىرىمنى ئورۇنلاشتۇردۇم.


مەن ئۇنىڭ ئائىلىسىنى مەڭگۈ جازالايدىغانلىقىمنى ئۇنىڭغا ئېيتقانىدىم. چۈنكى ئۇ ئوغۇللىرىنىڭ ئېغىر گۇناھلىرىدىن خەۋەردار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ماڭا كۇپۇرلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇقلۇق، ئۇلارنى توسمىدى.


شۇ چاغدا سائۇل شەھەر دەرۋازىسىدا سامۇئىلنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن: _ تەقسىر، غايىبنى بىلگۈچىنىڭ ئۆيى قەيەردىكىن؟ _ دەپ سورىدى.


كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك بىر نەۋرە قېرىندىشىم خانامئېل قاراۋۇلخانىغا مېنى يوقلاپ كەلدى. ئۇ: _ بىنيامىن زېمىنىغا قاراشلىق ئاناتوتتىكى ئېتىزلىقىمنى سېتىۋالغىن، چۈنكى قانۇن بويىچە ئۇ يەرنى باشقىلارغا سېتىشتىن بۇرۇن سېنىڭ سېتىۋېلىش ھوقۇقۇڭ بار. شۇڭا ئۇ يەرنى ئۆزۈڭ سېتىۋالغىن، _ دېدى. مەن بۇنى ئاڭلاپ، پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا ھەقىقەتەن سۆزلىگەنلىكىنى بىلدىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite