سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 9:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى16 «ئەتە مۇشۇ ۋاقىتتا مەن سېنىڭ يېنىڭغا بىنيامىن زېمىنىدىن بىر ئادەم ئەۋەتىمەن. سەن ئۇنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى خەلقىم ئىسرائىللارغا باش قىلىپ تەيىنلىگىن. ئۇ خەلقىمنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ. مەن خەلقىمنىڭ ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇلارنىڭ داد-پەريادى ماڭا يەتتى.» Gade chapit la |
كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك بىر نەۋرە قېرىندىشىم خانامئېل قاراۋۇلخانىغا مېنى يوقلاپ كەلدى. ئۇ: _ بىنيامىن زېمىنىغا قاراشلىق ئاناتوتتىكى ئېتىزلىقىمنى سېتىۋالغىن، چۈنكى قانۇن بويىچە ئۇ يەرنى باشقىلارغا سېتىشتىن بۇرۇن سېنىڭ سېتىۋېلىش ھوقۇقۇڭ بار. شۇڭا ئۇ يەرنى ئۆزۈڭ سېتىۋالغىن، _ دېدى. مەن بۇنى ئاڭلاپ، پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا ھەقىقەتەن سۆزلىگەنلىكىنى بىلدىم.