15 پەرۋەردىگار سامۇئىلغا سائۇلنىڭ كېلىشىدىن بىر كۈن بۇرۇن ئايان بولۇپ مۇنداق دېگەنىدى:
كېيىن، ئۇلار سامۇئىل پەيغەمبەردىن بىر پادىشاھ تەيىنلەشنى تەلەپ قىلغانىدى. شۇڭا، خۇدا ئۇلارغا بىنيامىن قەبىلىسىدىن كىش ئىسىملىك ئادەمنىڭ ئوغلى سائۇلنى تاللاپ بەردى. سائۇل قىرىق يىل پادىشاھلىق قىلدى.
سامۇئىل سائۇلغا مۇنداق دېدى: _ بېشىڭغا ياغ قۇيۇپ، سېنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقى بولغان ئىسرائىللارغا پادىشاھلىققا تەيىنلىگىلى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئادەم مەن بولىمەن.
دەرھەقىقەت، ئىگىمىز پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن مەقسەتلىرىنى خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلىرىگە ئايان قىلماي تۇرۇپ، ئىش قىلمايدۇ.
خۇدا ئۆزىگە ئىخلاس قىلغانلارنى دوست تۇتار، ئۇلارغا ئۆز ئەھدىسىنى ئېنىق تونۇتار.
ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېچىپ ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇشى بىلەن قورقۇتۇپ،
ئەي قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا! سەن مەن قۇلۇڭ داۋۇتنىڭ جەمەتىگە بىر خانىدانلىق تىكلەپ بېرىدىغانلىقىڭنى ۋەدە قىلغانىدىڭ. شۇ سەۋەبتىن مەن ساڭا شۇنداق دەپ دۇئا قىلىشقا جۈرئەت قىلدىم.
يوناتان: _ خۇدا ساقلىسۇن، سەن ئۆلتۈرۈلمەيسەن. مەيلى چوڭ، مەيلى كىچىك ئىش بولسۇن، ئاتام ماڭا بىلدۈرمەي ئىش قىلمايدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئۇ بۇ ئىشنى نېمىشقا مەندىن يوشۇرسۇن؟ سەن دېگەندەك بولمايدۇ، _ دېدى.
چۈنكى، مېنىڭ ئىگەم بولغان ۋە مەن خىزمەت قىلىپ كەلگەن خۇدا تۈنۈگۈن كېچە بىر پەرىشتىسىنى يېنىمغا ئەۋەتتى،
سامۇئىل سائۇلنى كۆرگەندە، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ مەن ساڭا ئېيتقان ئادەم دەل مۇشۇ، ئۇ مېنىڭ خەلقىم ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرىدۇ، _ دېدى.
سائۇل خىزمەتكارى بىلەن شەھەرگە كىرگەندە، سامۇئىلنىڭ سەجدىگاھقا بېرىش ئۈچۈن ئۆزلىرى تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
پەرۋەردىگار شىلودا ئۆزىنى داۋاملىق ئاشكارا قىلدى، يەنى ئۆزىنى ئۆزىنىڭ سۆزى ئارقىلىق سامۇئىلغا ئايان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن سامۇئىل پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيسىنى پۈتكۈل ئىسرائىللارغا يەتكۈزدى.