14 سائۇل خىزمەتكارى بىلەن شەھەرگە كىرگەندە، سامۇئىلنىڭ سەجدىگاھقا بېرىش ئۈچۈن ئۆزلىرى تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
ھازىرلا شەھەرگە كىرىڭلار، ئۇ سەجدىگاھقا غىزالانغىلى چىقىشتىن بۇرۇن ئۇنى تاپالايسىلەر. كىشىلەر ئۇ كەلمىگۈچە، غىزاغا ئېغىز تەگمەيدۇ. ئۇ قۇربانلىق ئۈچۈن دۇئا قىلىپ بەرگەندىن كېيىنلا، چاقىرىلغان كىشىلەر غىزالىنىدۇ. ئەمدى مېڭىڭلار، مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇنى تاپالايسىلەر.
پەرۋەردىگار سامۇئىلغا سائۇلنىڭ كېلىشىدىن بىر كۈن بۇرۇن ئايان بولۇپ مۇنداق دېگەنىدى: