Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 9:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 ھازىرلا شەھەرگە كىرىڭلار، ئۇ سەجدىگاھقا غىزالانغىلى چىقىشتىن بۇرۇن ئۇنى تاپالايسىلەر. كىشىلەر ئۇ كەلمىگۈچە، غىزاغا ئېغىز تەگمەيدۇ. ئۇ قۇربانلىق ئۈچۈن دۇئا قىلىپ بەرگەندىن كېيىنلا، چاقىرىلغان كىشىلەر غىزالىنىدۇ. ئەمدى مېڭىڭلار، مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇنى تاپالايسىلەر.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 9:13
12 Referans Kwoze  

ھەزرىتى ئەيسا نانلارنى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا شۈكۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئولتۇرغانلارغا بۆلۈپ بەردى. بېلىقلارنىمۇ شۇنداق قىلدى. كۆپچىلىك خالىغانچە يېدى.


خۇدا ياراتقان ھەممە نەرسە ياخشىدۇر. ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى چەكلەنگەن ئەمەس، ئۇلارنى شۈكۈر ئېيتىپ قوبۇل قىلسا بولىدۇ.


ئەگەر مەن خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ بۇنداق زىياپەتكە قاتناشسام، يەنە نېمە ئۈچۈن شۈكۈر ئېيتىپ يېگەن بۇ يېمەكلىكىم سەۋەبىدىن ئەيىبلىنىشكە ئۇچرىشىم كېرەك؟


بىرنەچچە كېمە تىبېرىيە شەھىرىدىن ھەزرىتى ئەيسا دۇئا قىلىپ خالايىققا نان تارقىتىپ بەرگەن يەرگە يېقىن كېلىپ توختىدى.


ئۇلار تاماققا ئولتۇرغاندا، ھەزرىتى ئەيسا ناننى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى، ئاندىن ناننى ئوشتۇپ ئۇلارغا سۇندى.


ھەزرىتى ئەيسا بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقنى قولىغا ئېلىپ، ئاسمانغا قاراپ خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى. ئاندىن، نانلارنى ئوشتۇپ، كۆپچىلىككە تارقىتىپ بېرىش ئۈچۈن شاگىرتلىرىغا بەردى. ئىككى بېلىقنىمۇ شۇنداق قىلدى.


ئۇلار تاماق يېيىشىۋاتقاندا، ھەزرىتى ئەيسا بىر ناننى قولىغا ئېلىپ خۇداغا شۈكۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇنى ئوشتۇپ تۇرۇپ، شاگىرتلىرىغا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى ۋە: - ئېلىڭلار، يەڭلار، بۇ مېنىڭ تېنىم، - دېدى.


ئۇ خالايىقنى چىملىقنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشقا بۇيرۇغاندىن كېيىن، بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقنى قولىغا ئېلىپ، ئاسمانغا قاراپ خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى. ئاندىن، نانلارنى ئوشتۇپ شاگىرتلىرىغا بەردى. ئۇلار كۆپچىلىككە تارقاتتى.


ھەزرىتى ئەيسا بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقنى قولىغا ئېلىپ، ئاسمانغا قاراپ خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى. ئاندىن، نانلارنى ئوشتۇپ، كۆپچىلىككە تارقىتىپ بېرىش ئۈچۈن شاگىرتلىرىغا بەردى.


مەن ئۆزۈمگە سادىق بىر روھانىي تەيىنلەيمەن. ئۇ خاھىشىم ۋە ئىرادەم بويىچە ماڭا خىزمەت قىلىدۇ. روھانىيلىق قىلىشنى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا بەخشەندە قىلىمەن. ئۇلار مەن تاللىغان پادىشاھ ئالدىدا مەڭگۈ خىزمەت قىلىدۇ.


سائۇل خىزمەتكارى بىلەن شەھەرگە كىرگەندە، سامۇئىلنىڭ سەجدىگاھقا بېرىش ئۈچۈن ئۆزلىرى تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.


ئابسالومنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ تەكلىپى بويىچە يېرۇسالېمدىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن 200 ئادەم بار ئىدى. ئۇلار ئابسالومنىڭ يامان نىيىتىدىن خەۋەرسىز ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite