Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 9:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 _ ھەئە، شۇنداق. ئۇ ھېلىلا ئالدىڭلاردا كەتتى، _ دەپ جاۋاب بەردى قىزلار، _ تېزرەك مېڭىڭلار. ئۇ شەھەرگە بۈگۈنلا كەلدى. خەلق سەجدىگاھتا قۇربانلىق قىلماقچى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 9:12
11 Referans Kwoze  

ئاندىن ئۇ تاغدا مال بوغۇزلاپ، قۇربانلىق قىلدى ھەمدە قېرىنداشلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان بولدى. تاماقتىن كېيىن ئۇلار شۇ يەردە قوندى.


_ مەن قانداق بارىمەن؟ سائۇل ئاڭلاپ قالسا، مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ، _ دېدى سامۇئىل. پەرۋەردىگار: _ سەن بىر ئىنەك ئالغاچ بارغىن ۋە: «پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلغىلى كەلدىم» دېگىن.


ئۇنىڭدىن كېيىن سەن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتى جايلاشقان «خۇدانىڭ تېغى» دەپ ئاتالغان گىبئاھقا بارىسەن. شەھەرگە كىرگىنىڭدە، تاغدىكى سەجدىگاھتىن چۈشۈپ كەلگەن پەيغەمبەرلەرگە يولۇقىسەن. ئۇلار چىلتار، داپ، نەي ۋە لىرالارنى چېلىشىپ، ھاياجانلانغان ھالدا زىكىر قىلىشىدۇ.


داۋۇت يەنە روھانىي زادوق بىلەن ئۇنىڭ روھانىي قېرىنداشلىرىنى گىبئوندىكى مۇقەددەس جايغا تىكىلگەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىدا خىزمەت قىلىشقا تەيىنلىدى.


ئاندىن يۇرتى راماھقا قايتىپ، ئۇ يەردىمۇ ئوخشاش ئىشلارنى قىلاتتى. ئۇ راماھتا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، بىر قۇربانلىق سۇپىسى سالدۇردى.


مەن ئۆزۈمگە سادىق بىر روھانىي تەيىنلەيمەن. ئۇ خاھىشىم ۋە ئىرادەم بويىچە ماڭا خىزمەت قىلىدۇ. روھانىيلىق قىلىشنى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا بەخشەندە قىلىمەن. ئۇلار مەن تاللىغان پادىشاھ ئالدىدا مەڭگۈ خىزمەت قىلىدۇ.


مۇبادا ئاتاڭ مېنىڭ داستىخاندا يوقلۇقۇمنى بىلىپ سوراپ قالسا، سەن: «داۋۇت ماڭا يالۋۇرۇپ: ‹ماڭا ئۆز شەھىرىم بەيتلەھەمگە تېز بېرىشىمغا ئىجازەت بەرگىن، چۈنكى ئۇ يەردە پۈتۈن ئۇرۇق-جەمەتىمىز بىرلىكتە يىللىق قۇربانلىق قىلاتتۇق› دېگەنىدى» دەپ ئېيتقىن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite