Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 9:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 بىنيامىن قەبىلىسىدە كىش ئىسىملىك بىر ئادەم بولۇپ، ئۇ ئابرۇيلۇق ئادەم ئىدى. ئۇ ئابىئېلنىڭ ئوغلى، ئابىئېل زىرورنىڭ ئوغلى، زىرور بىكوراتنىڭ ئوغلى، بىكورات بولسا ئافىياھنىڭ ئوغلى ئىدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 9:1
9 Referans Kwoze  

سائۇلنىڭ ئاتىسى كىش بىلەن ئابنېرنىڭ ئاتىسى نېر ئابىئېلنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى.


كېيىن، ئۇلار سامۇئىل پەيغەمبەردىن بىر پادىشاھ تەيىنلەشنى تەلەپ قىلغانىدى. شۇڭا، خۇدا ئۇلارغا بىنيامىن قەبىلىسىدىن كىش ئىسىملىك ئادەمنىڭ ئوغلى سائۇلنى تاللاپ بەردى. سائۇل قىرىق يىل پادىشاھلىق قىلدى.


كالىب جەمەتىدىن بولغان مائونلۇق نابال ئىسىملىك بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇ قەۋەتلا باي ئادەم بولۇپ، ئۈچ مىڭ قويى، مىڭ ئۆچكىسى بار ئىدى. ئۇنىڭ مال-دۇنياسى كارمەل شەھىرىدە ئىدى. ئۇنىڭ ئابىگال ئىسىملىك ئايالى بولۇپ، ئۇ ھەم ئەقىللىق ھەم چىرايلىق ئىدى. لېكىن نابال بولسا مىجەزى تولىمۇ چۇس، توڭ ئادەم ئىدى. بىر كۈنى ئۇ كارمەلدە قويلىرىنى قىرقىۋاتاتتى.


ئۇ يەتتە مىڭ تۇياق قوي، ئۈچ مىڭ تۆگە، بەش يۈز جۈپ ئۆكۈز، بەش يۈز تۇياق مادا ئېشەك ۋە نۇرغۇن خىزمەتكارلارنىڭ ئىگىسى بولۇپ، شەرقتىكى خەلقلەر ئارىسىدا ئەڭ باي ئادەم ھېسابلىناتتى.


ئۇ ناھايىتى ياشىنىپ قالغان ئادەم بولۇپ، 80 ياشقا كىرگەنىدى. ئۇ باي ئادەم بولۇپ، پادىشاھ ماخانايىمدا تۇرغان چېغىدا، ئۇنى ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىنلەپ تۇرغانىدى.


بىرسى يۈگۈرۈپ بېرىپ، سائۇلنى ئۇ يەردىن ئېلىپ كەلدى. ئۇ ھەممە ئادەملەردىن ئېگىز ئىدى، باشقىلار پەقەت ئۇنىڭ مۈرىسىگە كېلەتتى.


سۇزا قەلئەسىدە موردىكاي ئىسىملىك بىر يەھۇدىي بولۇپ، ئۇ بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان يائىرنىڭ ئوغلى ئىدى. يائىر شىمئىنىڭ ئوغلى، شىمئى بولسا كىشنىڭ ئوغلى ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite