9 ھازىر ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغىن. بىراق ئۇلارنى شۇنداق قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ قويغىنكى، ئۇلار تەلەپ قىلغان پادىشاھنىڭ ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ قالسۇن!
سامۇئىل خەلققە پادىشاھنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ھوقۇقىنى ئېيتىپ بەردى ھەمدە ئۇلارنى يازما شەكىلدە يېزىپ، مۇقەددەس جايغا قويدى. ئاندىن كېيىن خەلقنى ئۆيلىرىگە قايتۇرۇۋەتتى.
پادىشاھ خەلقىنى ھەيدىۋېتىپ، يېرىنى تارتىۋالمىسۇن. پادىشاھ پەقەت ئۆز يېرىنىلا ئوغۇللىرىغا مىراس قالدۇرالايدۇ. شۇندىلا خەلقىم مۈلكى بولغان يېرىدىن ھەيدىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ.
ئەگەر مەن رەزىل كىشىگە: «سەن چوقۇم ئۆلىسەن» دېسەم، لېكىن سەن ئۇنىڭ يامان يولدىن قايتىپ ھايات قېلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلمىساڭ ياكى ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويمىساڭ، ئۇ گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ھالاك بولىدۇ. مەن سەندىن ئۇنىڭ قېنى ئۈچۈن ھېساب ئالىمەن.
سائۇلنىڭ پۈتۈن ئۆمرى فىلىستىيەلىكلەر بىلەن قاتتىق جەڭ قىلىش بىلەن ئۆتتى. شۇڭا سائۇل ھەرقاچان كۈچتۈڭگۈر ياكى باتۇر بىرىنى كۆرسە، ئۇنى ئۆز خىزمىتىگە سالاتتى.
ئۇلار پەرۋەردىگار ۋە روھانىيلارنىڭ خەلققە مۇناسىۋەتلىك بولغان بەلگىلىمىلىرىگە بويسۇنمايتتى. بىر كىشى قۇربانلىق قىلسا، گۆش تېخى داش قازاندا قايناۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۈچ چىشلىق ئارا تۇتۇپ كېلىپ،
مەن ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندىن بېرى، ئۇلار مېنى تاشلاپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ كەلمەكتە. ئەمدى سېنىمۇ رەت قىلىۋاتىدۇ.
سامۇئىل پۈتۈن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى: _ قاراڭلار، مەندىن سورىغىنىڭلارنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈردۈم، سىلەرگە بىر پادىشاھ تەيىنلەپ بەردىم.
چۈنكى مەن ئەجدادلىرىڭلارنى ماڭا ئىتائەت قىلىشقا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ تۇردۇم. مەن ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان كۈندىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگىچە قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇردۇم.