3 ئۇلار ئاتىسىنىڭ يولىنى تۇتماي، مال-دۇنيا قوغلىشىپ، پارا ئېلىپ، ئەرز-دەۋالار ئۈستىدىن ناھەق ھۆكۈم چىقىراتتى.
يۈز ئاياپ قانۇننى بۇزمىسۇن، يان باسمىسۇن، پارا ئالمىسۇن. چۈنكى پارا دانالارنىڭ ئەقىل كۆزىنى خىرەلەشتۈرۈپ، ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىدۇ.
چۈنكى، پۇلپەرەسلىك ھەر خىل يامانلىقنىڭ يىلتىزىدۇر. بەزىلەر باي بولۇش ھەۋىسى بىلەن ئېتىقادتىن چەتنەپ، ئۆزىگە تۈگىمەس ئازاب تېپىۋالدى.
جازانىغا پۇل قەرز بەرمەيدىغانلار، پارا يەپ بىگۇناھقا زىيان سالمايدىغانلار، مەڭگۈ تەۋرەنمەستۇر مانا بۇلار.
پارا ئالماڭلار، چۈنكى پارا ئەقىل كۆزۈڭلارنى خىرەلەشتۈرۈپ، ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىدۇ.
خەلق ئىچىدىن قابىلىيەتلىك، خۇداغا ئىخلاسمەن، ئىشەنچلىك ۋە پارا ئالمايدىغان كىشىلەرنى تاللاپ، ئۇلارنى مىڭبېشى، يۈزبېشى، ئەللىكبېشى ۋە ئونبېشى قىلىپ تەيىنلىگىن.
شۇنداقلا، ھاراقكەش ۋە زوراۋان بولماسلىقى، خۇش پېئىل، گەپ تالاشمايدىغان، ئۆزىنى مال-دۇنياغا ئۇرمايدىغان كىشى بولۇشى،
توغرا ئىشلارنى قىلغانلار ۋە ھەققانىي سۆزلەيدىغانلار ياشايدۇ. مەككارلىق بىلەن باي بولۇشتىن باش تارتقانلار ۋە پارا ئېلىشنى رەت قىلغانلار، سۇيىقەستلەرگە قاتناشمىغانلار، رەزىل ئىشلارنى خىيالىغا كەلتۈرمەيدىغانلار،
ئابسالوم يەنە «ئەگەر مەن بۇ يەردە ھوقۇقدار بولغان بولسام، ئەرز قىلىپ كەلگەنلەر مېنى ئىزدىسە، مەن ئۇلارنىڭ ئىشىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلاتتىم» دەيتتى.
لېكىن ئۇلارنىڭ دانا ياكى نادان بولۇشىنى كىم بىلىدۇ؟ ئۇلار قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا مېنىڭ دانالىقىم ۋە جاپا-مۇشەققەتلىرىم ئارقىلىق ئېرىشكەن نەرسىلىرىمگە ئىگە بولىدۇ. بۇمۇ بىھۇدىلىك ئىكەن.
پارىغا تولۇپ ئۇلارنىڭ ئوڭ قوللىرى، سۇيىقەست بىلەن بۇلغانغاندۇر قوللىرى.
دەۋادا كەمبەغەللەرگە ئۇۋال قىلماڭلار.
مەن ئۆزۈمگە سادىق بىر روھانىي تەيىنلەيمەن. ئۇ خاھىشىم ۋە ئىرادەم بويىچە ماڭا خىزمەت قىلىدۇ. روھانىيلىق قىلىشنى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا بەخشەندە قىلىمەن. ئۇلار مەن تاللىغان پادىشاھ ئالدىدا مەڭگۈ خىزمەت قىلىدۇ.
مانا ئەمدى بۇ پادىشاھ سىلەرگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. مەن قېرىدىم، چاچلىرىم ئاقاردى، ئوغۇللىرىممۇ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا تۇرۇپتۇ. مەن ياش ۋاقتىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە سىلەرگە رەھبەرلىك قىلىپ كەلدىم.
ئەمەلدارلىرىڭ خۇدا بىلەن قارشىلاشتى. ئوغرى-قاراقچىلار ئۇلارنىڭ ھەمراھى بولدى. ھەممىسى پارا ئېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، سوۋغاتنىڭ كەينىدىن چاپىدۇ. ئۇلار يېتىم-يېسىرلەرنى قوغدىمايدۇ، تۇل ئاياللارنىڭ ئەرزىنى ئاڭلىمايدۇ.
شەھەردىكى يېتەكچىلەر پارا ئېلىپ، ھۆكۈم چىقىرىدۇ. روھانىيلار بەرگەن تەلىمى ئۈچۈن ھەق ئالىدۇ. ساختا پەيغەمبەرلەر پۇل ئۈچۈن پال ئاچىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمىنى كۈتۈپ: «پەرۋەردىگار ئارىمىزدا، بېشىمىزغا ئاپەت كەلمەيدۇ» دەيدۇ.