15 ئاشلىق ۋە ئۈزۈمىڭلارنىڭ ئوندىن بىرىنى ئېلىۋېلىپ، چوڭ-كىچىك ئەمەلدارلىرىغا تەقدىم قىلىدۇ.
پادىشاھ بەلگىلىگەن ئۈچ يىل توشقاندىن كېيىن، ھەرەمئاغىسى ھەممە يىگىتلەرنى پادىشاھ نىبۇكادنەزەرنىڭ ھۇزۇرىغا باشلاپ كىردى.
بابىل پادىشاھى ھەرەمئاغىسى ئاشپىنازغا پەرمان چۈشۈرۈپ: «بابىلغا ئېلىپ كېلىنگەن ئەسىرلەر ئىچىدىكى يەھۇدىيەنىڭ پادىشاھ جەمەتى ۋە باشقا ئاقسۆڭەكلەر ئائىلىسىگە تەۋە ياش يىگىتلەرنىڭ بىر قىسمىنى ئوردىغا باشلاپ كىر.
ئۆز ئەۋلادلىرىڭدىنمۇ بەزىلىرى سۈرگۈن قىلىنىدۇ. ئۇلار بابىلغا ئېلىپ بېرىلىپ، ئاختا قىلىنىپ، بابىل پادىشاھىنىڭ خىزمىتىگە سېلىنىدۇ.»
شۇ ئارىلىقتا مىدياندىن كەلگەن ھېلىقى سودىگەرلەر يۈسۈپنى مىسىرغا ئاپىرىپ، پىرئەۋننىڭ بىر ئەمەلدارى، يەنى ياساۋۇللار باشلىقى پوتىفارغا سېتىۋەتتى.
ئۇ سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى ئېتىز-ئېرىقلىرىڭلارنى، ئۈزۈمزارلىقىڭلارنى ۋە زەيتۇنزارلىقىڭلارنى تارتىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ ئوردا ئەمەلدارلىرىغا بېرىدۇ.
قىران ياش يىگىتلىرىڭلارنى، قۇل ۋە دېدەكلىرىڭلارنى ھەم ئېشەكلىرىڭلارنى تارتىۋېلىپ، ئۆز ئىشىغا سالىدۇ.