14 ئۇ سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى ئېتىز-ئېرىقلىرىڭلارنى، ئۈزۈمزارلىقىڭلارنى ۋە زەيتۇنزارلىقىڭلارنى تارتىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ ئوردا ئەمەلدارلىرىغا بېرىدۇ.
پادىشاھ خەلقىنى ھەيدىۋېتىپ، يېرىنى تارتىۋالمىسۇن. پادىشاھ پەقەت ئۆز يېرىنىلا ئوغۇللىرىغا مىراس قالدۇرالايدۇ. شۇندىلا خەلقىم مۈلكى بولغان يېرىدىن ھەيدىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ.
ئايالى ئۇنىڭغا: _ سىلى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھمۇ، ئەمەسمۇ؟ مەيۈسلەنمەي، ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، تاماق يېسىلە. نابوتنىڭ ئۈزۈمزارلىقىنى ئۆزلىرىگە مانا مەن ئېلىپ بېرىمەن! _ دېدى.
سەن ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار: ‹سەن ئادەم ئۆلتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ يېرىنىمۇ تارتىۋالامسەن؟› دەيدۇ، دېگىن». ئۇنىڭغا يەنە: «پەرۋەردىگار: ‹ئىتلار نابوتنىڭ قېنىنى قەيەردە يالىغان بولسا، سېنىڭ قېنىڭنىمۇ شۇ يەردە يالايدۇ!› دەيدۇ، دېگىن».
سائۇل ئەتراپىدىكىلەرگە: _ ھەي بىنيامىن قەبىلىسىدىن كەلگەن ئادەملىرىم، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇت سىلەرگە ئۈزۈمزارلىق ۋە ئېتىزلارنى بېرەرمىدى، سىلەرنى قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىسى قىلارمىدى؟
قىزلىرىڭلار پۇراقلىق نەرسىلەرنى ياسىغۇچى، ئاشپەز ۋە ناۋاي بولىدۇ.
ئاشلىق ۋە ئۈزۈمىڭلارنىڭ ئوندىن بىرىنى ئېلىۋېلىپ، چوڭ-كىچىك ئەمەلدارلىرىغا تەقدىم قىلىدۇ.
بىر كۈنى پادىشاھ ئاخاب نابوتقا: _ ئۈزۈمزارلىقىڭ ئوردامنىڭ يېنىدا ئىكەن، ئۇنى ماڭا بەرگىن، مەن ئۇنى كۆكتاتلىق قىلاي. ساڭا ئۈزۈمزارلىقىڭدىنمۇ ياخشى ئۈزۈمزارلىق بېرەي، ياكى بولمىسا ئۆز باھاسىدا پۇل بېرەي، _ دېدى.