Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 8:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 مۇنداق دېدى: _ سىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى پادىشاھ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، تۆۋەندىكىدەك مۇئامىلە قىلىدۇ. پادىشاھ ئوغۇللىرىڭلارنى ئۆزىنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن تۇتۇۋېلىپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىرى ئۈچۈن ئىشلەتسە، بەزىلىرىنى ھارۋىلىرىنىڭ ئالدىدا يۈگۈرۈشكە سالىدۇ.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 8:11
14 Referans Kwoze  

سائۇلنىڭ پۈتۈن ئۆمرى فىلىستىيەلىكلەر بىلەن قاتتىق جەڭ قىلىش بىلەن ئۆتتى. شۇڭا سائۇل ھەرقاچان كۈچتۈڭگۈر ياكى باتۇر بىرىنى كۆرسە، ئۇنى ئۆز خىزمىتىگە سالاتتى.


سامۇئىل خەلققە پادىشاھنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ھوقۇقىنى ئېيتىپ بەردى ھەمدە ئۇلارنى يازما شەكىلدە يېزىپ، مۇقەددەس جايغا قويدى. ئاندىن كېيىن خەلقنى ئۆيلىرىگە قايتۇرۇۋەتتى.


شۇنىڭدىن كېيىن ئابسالوم ئۆزىگە جەڭ ھارۋىسى، ئات ۋە 50 چاپارمەن ھازىرلىدى.


پادىشاھ سۇلايمان ئات ۋە جەڭ ھارۋىلىرى توپلىدى. ئۇنىڭ توپلىغان جەڭ ھارۋىلىرى 1400، ئاتلىرى 12 مىڭ ئىدى. ئۇ ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى جەڭ ھارۋىلىرى تۇرىدىغان شەھەرلەرگە ۋە يەنە بىر قىسمىنى ئۆزى تۇرىدىغان يېرۇسالېمغا ئورۇنلاشتۇردى.


پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرىتى ئىلياسقا چۈشتى. ئىلياس بېلىنى باغلاپ، يۈگۈرۈپ، ئاخابتىن بۇرۇن يىزرىئەلگە يېتىپ باردى.


رىخوبئام بىلەن بىرگە چوڭ بولغان ياشلار: _ بۇ كىشىلەر ئۆزلىرىگە: «ئاتىلىرى يەلكىمىزدىكى يۈكلەرنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەنىدى، لېكىن سىلىنىڭ ئۇنى يېنىكلىتىپ بېرىشلىرىنى ئۆتۈنىمىز» دەپتۇ. ئەمدى سىلى ئۇلارغا: «مېنىڭ چىمچىلىقىم ئاتامنىڭ بېلىدىنمۇ توم!


_ ئاتىلىرى سۇلايمان يەلكىمىزگە ئېغىر يۈكلەرنى ئارتقانىدى. ئەمدى بىز سىلىدىن ئاتىلىرى يەلكىمىزگە ئارتقان بۇ ئېغىر يۈكلەرنى ئېلىۋېتىپ، ھاياتىمىزنى يېنىكلىتىشلىرىنى ئۆتۈنىمىز. شۇنداق قىلسىلا، سىلىنىڭ خىزمەتلىرىدە بولىمىز، _ دېيىشتى.


شۇ چاغلاردا پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئايالى خاگگىتتىن تۇغۇلغان ئوغلى ئادونىيا: «مەن پادىشاھ بولىمەن» دەپ كۆرەڭلەپ يۈرەتتى. ئۇ ئۆزىگە جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلار ۋە ئەللىك چاپارمەن ھازىرلىدى.


ھازىر ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغىن. بىراق ئۇلارنى شۇنداق قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ قويغىنكى، ئۇلار تەلەپ قىلغان پادىشاھنىڭ ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ قالسۇن!


كېيىن پادىشاھ رىخوبئام ئاشۇ ئالتۇن قالقانلارنىڭ ئورنىغا تۇچ قالقانلارنى ياسىتىپ، ئوردا دەرۋازىسىغا قارايدىغان قاراۋۇللار باشلىقلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇردى.


سائۇل ئەتراپىدىكىلەرگە: _ ھەي بىنيامىن قەبىلىسىدىن كەلگەن ئادەملىرىم، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇت سىلەرگە ئۈزۈمزارلىق ۋە ئېتىزلارنى بېرەرمىدى، سىلەرنى قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىسى قىلارمىدى؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite