1 سامۇئىل قېرىغان چېغىدا، ئۆز ئوغۇللىرىنى ئىسرائىللارغا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەيىنلىگەنىدى.
خۇدانىڭ، ئەيسا مەسىھنىڭ ۋە خۇدا تاللىغان پەرىشتىلەرنىڭ ئالدىدا ساڭا شۇنى بۇيرۇيمەنكى، سەن بۇ سۆزلىرىمگە قەتئىي ئەمەل قىل. ئايرىمىچىلىق قىلما، ھەرقانداق ئىشتا بىر تەرەپكە يان باسما.
مەن يېرۇسالېمنى باشقۇرۇشقا قېرىندىشىم خانانىنى ۋە ئىشەنچلىك، باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئىخلاسمەن قورغان قوماندانى خانانيانى تەيىنلىدىم.
ئۇنىڭ 40 ئوغلى، 30 ئوغۇل نەۋرىسى بار ئىدى، ئۇلار 70 ئېشەككە مىنىپ يۈرۈشەتتى. ئۇ ئىسرائىللارغا سەككىز يىل سەردار بولدى.
يائىرنىڭ 30 ئوغلى بولۇپ، ئۇلار 30 ئېشەككە مېنىپ يۈرەتتى. ئۇلارنىڭ ئىلكىدە 30 شەھەر بار بولۇپ، بۇ شەھەرلەر گىلئاد زېمىنىدا ئىدى. شۇنىڭدىن بېرى بۇ شەھەرلەر «يائىرنىڭ شەھەرلىرى» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.
ئەي ئاق ئېشەككە مىنگەنلەر، ئېسىل ئېگەر-توقۇمدا ئولتۇرغانلار، يولدا پىيادە ماڭغانلار ئويلاڭلار.
مانا ئەمدى بۇ پادىشاھ سىلەرگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. مەن قېرىدىم، چاچلىرىم ئاقاردى، ئوغۇللىرىممۇ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا تۇرۇپتۇ. مەن ياش ۋاقتىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە سىلەرگە رەھبەرلىك قىلىپ كەلدىم.