Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 7:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 شۇنىڭ بىلەن سامۇئىل ئېمىۋاتقان بىر قوزىنى ئۆلتۈرۈپ، پۈتۈن پېتى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ، پەرۋەردىگارغا سۇندى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئىسرائىللار ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلغانىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئىلتىجاسىنى قوبۇل قىلدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 7:9
16 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئەگەردە مۇسا بىلەن سامۇئىل ئالدىمدا تۇرۇپ، بۇ خەلق ئۈچۈن ماڭا ئىلتىجا قىلغان تەقدىردىمۇ، بۇ خەلققە ھېچقانداق مېھىر-شەپقەت كۆرسەتمەيتتىم. بۇ خەلق كەتسۇن! كۆزۈمدىن يوقالسۇن!


مۇسا ۋە ھارۇنلار ئۇنىڭ روھانىيلىرىدىندۇر، سامۇئىلمۇ ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلغانلاردىندۇر. ئۇلار دۇئا قىلغاندا پەرۋەردىگارغا، بەرھەق ئۇ جاۋاب بەرگەنىدى ئۇلارغا.


چاقىر مېنى ھەر ۋاقىت كۈن چۈشسە بېشىڭغا، قۇتقۇزىمەن سېنى، ئۇلۇغلايسەن مېنى شۇندا.»


ئاندىن يۇرتى راماھقا قايتىپ، ئۇ يەردىمۇ ئوخشاش ئىشلارنى قىلاتتى. ئۇ راماھتا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، بىر قۇربانلىق سۇپىسى سالدۇردى.


شۇڭا، شىپالىق تېپىش ئۈچۈن، ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىڭلارنى ئۆزئارا ئىقرار قىلىڭلار ۋە بىر-بىرىڭلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار. ھەققانىي ئادەمنىڭ دۇئاسى زور كۈچ ۋە ئۈنۈمگە ئىگىدۇر.


_ مەن قانداق بارىمەن؟ سائۇل ئاڭلاپ قالسا، مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ، _ دېدى سامۇئىل. پەرۋەردىگار: _ سەن بىر ئىنەك ئالغاچ بارغىن ۋە: «پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلغىلى كەلدىم» دېگىن.


سەن گىلگالغا مەندىن بۇرۇن يېتىپ بارىسەن. مەن شۇ يەردە كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىش ئۈچۈن قېشىڭغا بارىمەن. سەن ئۇ يەردە مەن كەلگۈچە يەتتە كۈن ساقلاپ تۇرغىن. مەن يېتىپ بارغاندىن كېيىن، نېمە قىلىشىڭنى دەپ بېرىمەن.


_ ھەئە، شۇنداق. ئۇ ھېلىلا ئالدىڭلاردا كەتتى، _ دەپ جاۋاب بەردى قىزلار، _ تېزرەك مېڭىڭلار. ئۇ شەھەرگە بۈگۈنلا كەلدى. خەلق سەجدىگاھتا قۇربانلىق قىلماقچى.


ئەتىسى سەھەردە شەھەر ئاھالىسى ئورنىدىن تۇرۇپ، بائالغا ئاتالغان قۇربانلىق سۇپىسى بىلەن ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىنى ۋەيران قىلىۋېتىلگەنلىكىنى ۋە بۇقىنىڭ يېڭى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرۈلگەنلىكىنى كۆردى.


ئاندىن بۇ قورام تاش ئۈستىدە پەرۋەردىگارىڭ خۇداغا ئاتاپ مۇۋاپىق بىر قۇربانلىق سۇپىسىنى ياساپ، ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىنى ئوتۇن قىلىپ، ھېلىقى بۇقىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىل، _ دېدى.


_ يېڭى تۇغۇلغان موزاي، قوزا ۋە ئوغلاقلار يەتتە كۈن ئانىسىغا ئەگىشىپ يۈرسۇن، سەككىزىنچى كۈنىدىن باشلاپ ئۇنى ماڭا تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنساڭلار بولىدۇ، بۇ قوبۇل بولىدۇ.


ئۇنىڭدىن ئۆتۈندۈم: «ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، ئۆز خەلقىڭنى ھالاك قىلمىغىن! ئۇلار سېنىڭ مۈلكۈڭدۈر، سەن ئۇلارنى ئۇلۇغلۇقۇڭ بىلەن قۇتقۇزدۇڭ، قۇدرەتلىك قولۇڭ بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىقتىڭ.


مەن ئۆزۈمگە سادىق بىر روھانىي تەيىنلەيمەن. ئۇ خاھىشىم ۋە ئىرادەم بويىچە ماڭا خىزمەت قىلىدۇ. روھانىيلىق قىلىشنى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا بەخشەندە قىلىمەن. ئۇلار مەن تاللىغان پادىشاھ ئالدىدا مەڭگۈ خىزمەت قىلىدۇ.


ھازىر بۇغداي ئورىدىغان قۇرغاق ۋاقىت ئەمەسمۇ؟ مەن پەرۋەردىگاردىن تىلەي، ئۇ گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ياغدۇرسۇن. شۇ چاغدا سىلەر پادىشاھ تەلەپ قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قانچىلىك چوڭ يامان ئىش قىلغىنىڭلارنى بىلىسىلەر _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite