16 ئۇ ھەر يىلى بەيتەل، گىلگال، مىزپاھ شەھەرلىرىگە باراتتى ۋە ئۇ شەھەرلەردە ئىسرائىللارنىڭ ئەرز-دەۋالىرىنى سورايتتى.
خۇدا ئېيتار: «مەن بېكىتكەن ۋاقىتتا، سورىقىمنى ئادالەتتە سورايمەن.
ئۇنىڭ 40 ئوغلى، 30 ئوغۇل نەۋرىسى بار ئىدى، ئۇلار 70 ئېشەككە مىنىپ يۈرۈشەتتى. ئۇ ئىسرائىللارغا سەككىز يىل سەردار بولدى.
يائىرنىڭ 30 ئوغلى بولۇپ، ئۇلار 30 ئېشەككە مېنىپ يۈرەتتى. ئۇلارنىڭ ئىلكىدە 30 شەھەر بار بولۇپ، بۇ شەھەرلەر گىلئاد زېمىنىدا ئىدى. شۇنىڭدىن بېرى بۇ شەھەرلەر «يائىرنىڭ شەھەرلىرى» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.
ئەي ئاق ئېشەككە مىنگەنلەر، ئېسىل ئېگەر-توقۇمدا ئولتۇرغانلار، يولدا پىيادە ماڭغانلار ئويلاڭلار.
بۇ يەرنىڭ بۇرۇنقى ئىسمى لۇز بولسىمۇ، ياقۇپ ئۇنى بەيتەل [مەنىسى «خۇدانىڭ ئۆيى»] دەپ ئاتىدى.
ياقۇپ پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كەنئان رايونىنىڭ لۇز دېگەن يېرىگە، يەنى ھازىر بەيتەل دەپ ئاتىلىدىغان جايغا يېتىپ كەلدى.
پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ بۈگۈن مەن سىلەردىن مىسىردا قۇل بولۇپ تارتقان خورلۇقۇڭلارنى ئېلىپ تاشلىدىم. شۇڭا بۇ يەر شۇنىڭدىن بېرى «گىلگال» [ئىبرانىي تىلىدىكى «ئېلىپ تاشلاش» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.
شۇ ئاينىڭ 14-كۈنى كەچتە ئىسرائىللار ئېرىخا تۈزلەڭلىكىدىكى گىلگالدا قۇرغان قارارگاھتا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى.
شۇ چاغدا سامۇئىل ئۇلارغا: _ پۈتۈن ئىسرائىللار، مىزپاھقا يىغىلىڭلار، مەن ئۇ يەردە سىلەر ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلاي، _ دېدى.
سامۇئىل خەلققە: _ گىلگالغا بېرىپ، شۇ يەردە سائۇلنىڭ پادىشاھلىقىنى يېڭىباشتىن جاكارلايلى، _ دېدى.
لېكىن بەيتەلگە بارماڭلار! گىلگالغىمۇ بېرىپ يۈرمەڭلار! بەئەرشەباغىمۇ چۈشمەڭلار! چۈنكى گىلگال خەلقى چوقۇم سۈرگۈن قىلىنىدۇ، بەيتەل يوقىلىدۇ.»
مىزپاھ، كىفىرا، موزاھ،
سامۇئىل ئىسرائىل خەلقىنى مىزپاھقا، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا چاقىردى
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي روھانىيلار، ئاڭلاڭلار! ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار! ئەي پادىشاھ جەمەتى، دىققەت قىلىڭلار! سىلەرگە قارشى ھۆكۈم چۈشۈۋاتىدۇ. چۈنكى بۇتپەرەسلىكىڭلار خەلققە مىزپاھتا قىلتاق، تابور تېغىدا تور بولدى.