13 شۇنداق قىلىپ فىلىستىيەلىكلەر مەغلۇپ قىلىندى. سامۇئىل ھايات چاغدا، پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئىسرائىلىيە زېمىنىغا قايتا ئاياغ باستۇرمىدى.
ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يەنە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى 40 يىلغىچە فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى.
گېپىمنى ئاڭلا، سەن چوقۇم ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغىسەن. ئۇ بېشىغا ئۇستىرا تەگكۈزمىسۇن، بۇ ئوغۇل قورساقتىكى ۋاقتىدىن باشلاپلا پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلانغاندۇر. ئۇ ئىسرائىللارنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇشنى باشلىغۇچىدۇر.
ئەمما ئۇلار ئۇنى يۆتكىگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ ئېغىر جازاسى ئۇ يەردىكىلەرنىڭمۇ بېشىغا چۈشتى، پۈتۈن شەھەرنى ۋەھىمە باستى. پەرۋەردىگار شەھەر ئاھالىسىنىڭ قېرى-ياش ھەممىسىنى ئۆسمە بىلەن جازالىدى.
شۇنداق قىلىپ مىديانلار ئىسرائىللار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، جەڭ قىلىش ئىرادىسى سۇندۇرۇلدى. بۇ زېمىن گىدئون ئالەمدىن ئۆتكىچە بولغان 40 يىل ئىچىدە تىنچ-ئامان بولدى.
شۇڭا پەرۋەردىگار گىدئون، بىدان، يىفتاھ ۋە مەن سامۇئىلنى سىلەرنى ئەتراپىڭلاردىكى دۈشمەنلەردىن قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتتى. شۇ سەۋەبتىن سىلەر تىنچ-ئامان قالدىڭلار.
مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن داۋۇت فىلىستىيەلىكلەرگە يەنە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى بويسۇندۇردى ۋە بۇ زېمىننى فىلىستىيەلىكلەردىن تارتىۋالدى.