Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 7:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل مىزپاھ بىلەن شېن دېگەن يەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر تاشنى تىكلىدى ۋە بۇنى «ئەبەنەزەر» [مەنىسى ياردەم تېشى] دەپ ئاتىدى. ئۇ: _ بۇ چاغقىچە پەرۋەردىگار بىزگە ياردەم قىلىپ كەلدى، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 7:12
18 Referans Kwoze  

خۇدا بىزنى چوڭ بىر ئۆلۈم خەۋپىدىن قۇتۇلدۇرغان ۋە قۇتۇلدۇرىدۇ. ئۈمىدىمىز بىزنى كەلگۈسىدە يەنە قۇتۇلدۇرىدىغان خۇداغا باغلانغان.


يوشۇۋامۇ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار توختىغان ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يەرگە 12 تاش تىزىپ قويدى. بۇ تاشلار شۇنىڭدىن بېرى ئاشۇ جايدا شۇ پېتى تۇرماقتا.


بىراق، خۇدا بۈگۈنگىچە ماڭا ياردەم قىلىپ، مېنى قوغدىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۈگۈن بۇ يەردىكى چوڭ-كىچىك ھەممەيلەننىڭ ئالدىدىمۇ ھەزرىتى ئەيساغا گۇۋاھلىق بېرىمەن. مېنىڭ ئېيتقانلىرىم مۇسا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ كېلىدىغان قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ھەققىدە ئالدىن ئېيتقانلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.


شۇڭا ئىبراھىم بۇ يەرنى «ياھۋەھ-يىرەھ» [مەنىسى «پەرۋەردىگار تەمىنلەيدۇ»] دەپ ئاتىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ سۆز «پەرۋەردىگار ئۆز تېغىدا تەمىنلەيدۇ» دېگەن تەمسىلگە ئايلاندى. بۇ تەمسىل شۇندىن بېرى ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە.


ياقۇپ خۇدا ئۆزىگە سۆزلىگەن جايدا بىر خاتىرە تاش تىكلەپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇداغا ئاتاپ شاراب ۋە ياغ قۇيدى.


فىلىستىيەلىكلەر خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئۇنى جەڭ مەيدانى ئەبەنەزەردىن ئاشدود شەھىرىگە ئېلىپ كەلدى


شۇ چاغدا مىسىر زېمىنىنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بىر قۇربانلىق سۇپىسى ۋە مىسىرنىڭ چېگراسىدا پەرۋەردىگارغا بېغىشلانغان بىر تاش ئابىدە ياسىلىدۇ.


ئى خۇدايىم، بىلمىگەننى سەن بىلدۈردۈڭ ياشلىقىمدىن، كارامەتلىرىڭنىڭ جاكارچىسى بولۇپ كەلدىم شۇ چاغدىن.


ھامىلە ۋاقتىمدىن باشلاپ ساڭا تاياندىم، ئانامنىڭ قورسىقىدىن سەن ئۆزۈڭ چىقاردىڭ، شۇندىن بۇيان مەدھىيەمنى ساڭا ئاتاپ كەلدىم.


ئۇ چاغلاردا فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلغانىدى. ئىسرائىللار ئۇلارغا قارشى جەڭگە ئاتلاندى. ئىسرائىللار ئەبەنەزەر دېگەن يەردە، فىلىستىيەلىكلەر ئافېق دېگەن يەردە بارگاھ تىكىشتى.


شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۇنىڭ نامىنى «ياھۋەھ-نىسسە» [مەنىسى «پەرۋەردىگار مېنىڭ تۇغۇمدۇر»] دەپ ئاتىدى.


ئىسرائىللار مىزپاھتىن چىقىپ، فىلىستىيەلىكلەرنى بەيتكارغىچە قوغلاپ، ئۇلارنى يول بويى قىرىپ ماڭدى.


سائۇل پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىدى، بۇ ئۇنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ياسىغان تۇنجى قۇربانلىق سۇپىسى ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite