Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 6:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 ئالتۇن چاشقانلارنىڭ سانى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەش بېگىگە تەۋە سېپىللىرى مۇستەھكەم شەھەرلەر ۋە ئۇلارغا تەۋە يېزا-قىشلاقلارنىڭ سانى بىلەن ئوخشاش ئىدى. بەيت-شەمەشلىك يوشۇۋانىڭ ئېتىزىدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى قويۇلغان ھېلىقى چوڭ قورام تاش شۇنىڭدىن بېرى بۇ ئىشلارغا گۇۋاھ بولۇپ، ئۆز ئورنىدا تۇرماقتا.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 6:18
4 Referans Kwoze  

بۇ زېمىنلار مىسىرنىڭ شەرقىدىكى شىخور دەرياسىدىن تارتىپ، شىمالدىكى ئەقرون شەھىرىنىڭ چېگراسىغىچە سوزۇلىدۇ (بۇ زېمىنلار كەنئانلارنىڭ زېمنى دەپ قارىلىدۇ). بۇنىڭ ئىچىدە گازا، ئاشدود، ئاشقىلون، گات ۋە ئەقرون قاتارلىق شەھەرلەرگە فىلىستىيەلىك بەش ھۆكۈمدار ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. يەنە جەنۇبتىكى ئاۋۋىم خەلقىنىڭ زېمىنىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.


بۇ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېگىز سېپىللىرى بولۇپ، سېپىل دەرۋازىلىرى بالداقلار بىلەن مۇستەھكەملەنگەنىدى. يەنە نۇرغۇن سېپىلسىز يېزىلارمۇ بار ئىدى.


_ گۇناھىمىزنى يۇيۇش ئۈچۈن نېمە بەرسەك بولار؟ _ دەپ سوراشتى فىلىستىيەلىكلەر. ئۇلار مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىشتى: _ گۇناھىڭلارنى يۇيۇش ئۈچۈن سىلەر ئۆز بېگىڭلارنىڭ سانىغا ئاساسەن ئالتۇندىن بەش دانە ئۆسمىنىڭ ۋە بەش دانە چاشقاننىڭ ھەيكىلىنى قۇيدۇرۇڭلار. چۈنكى ئوخشاش بالايىئاپەت سىلەرگىمۇ، سىلەرنىڭ بېگىڭلارغىمۇ كەلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite