Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 6:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەش بېگى ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى كۆرۈپ بولۇپ، شۇ كۈنىلا ئەقرونغا قايتىپ كەتتى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 6:16
7 Referans Kwoze  

_ گۇناھىمىزنى يۇيۇش ئۈچۈن نېمە بەرسەك بولار؟ _ دەپ سوراشتى فىلىستىيەلىكلەر. ئۇلار مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىشتى: _ گۇناھىڭلارنى يۇيۇش ئۈچۈن سىلەر ئۆز بېگىڭلارنىڭ سانىغا ئاساسەن ئالتۇندىن بەش دانە ئۆسمىنىڭ ۋە بەش دانە چاشقاننىڭ ھەيكىلىنى قۇيدۇرۇڭلار. چۈنكى ئوخشاش بالايىئاپەت سىلەرگىمۇ، سىلەرنىڭ بېگىڭلارغىمۇ كەلدى.


بۇلار فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەش بەگلىكى، پۈتۈن كەنئانلار، سىدونلۇقلار ۋە بائال-خەرمون تېغىدىن لىبو-خاماتقىچە سوزۇلغان لىۋان تاغلىق رايونىدا ياشايدىغان خىۋلار ئىدى.


بۇ زېمىنلار مىسىرنىڭ شەرقىدىكى شىخور دەرياسىدىن تارتىپ، شىمالدىكى ئەقرون شەھىرىنىڭ چېگراسىغىچە سوزۇلىدۇ (بۇ زېمىنلار كەنئانلارنىڭ زېمنى دەپ قارىلىدۇ). بۇنىڭ ئىچىدە گازا، ئاشدود، ئاشقىلون، گات ۋە ئەقرون قاتارلىق شەھەرلەرگە فىلىستىيەلىك بەش ھۆكۈمدار ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. يەنە جەنۇبتىكى ئاۋۋىم خەلقىنىڭ زېمىنىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.


ئىنەكلەر بەيت-شەمەشكە بارىدىغان يولغا چۈشۈپ، يا سولغا، يا ئوڭغا بۇرۇلماي، ياكى توختىماي، مۆرىگەن پېتى ئۇدۇل ماڭدى. فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەش نەپەر بېگىمۇ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن تاكى بەيت-شەمەش چېگراسىغىچە كەلدى.


شۇ سەۋەبتىن ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئەقرون شەھىرىگە يۆتكىدى. خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۇ يەرگە ئېلىپ كېلىنگەندە، ئەقرونلۇقلار: _ ئۇلار بىزنى ۋە پۈتكۈل خەلقىمىزنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئىسرائىللارنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىشتى، _ دەپ داد-پەرياد كۆتۈرۈشتى.


فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرى ئۇ ئايالنىڭ ئالدىغا بېرىپ: _ سەن ئۇنى ئالداپ، ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ سىرىنى ۋە بىزنىڭ ئۇنى قانداق قىلىپ بويسۇندۇرۇپ باغلىيالايدىغانلىقىمىزنى بىلىپ بەرگىن. شۇنداق قىلساڭ، ھەربىرىمىز ساڭا 1100 كۈمۈش تەڭگە بېرىمىز، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite