Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 6:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 ھارۋا بەيت-شەمەشلىك يوشۇۋانىڭ ئېتىزىغا كېلىپ، چوڭ بىر قورام تاشنىڭ يېنىدا توختىدى. ئاھالىلەر ھارۋىنى ئوتۇن قىلىپ يېرىپ، ئىنەكلەرنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 6:14
13 Referans Kwoze  

_ پادىشاھ ئالىيلىرى، ئېلىۋەرسىلە! قۇربانلىق قىلىشلىرى ئۈچۈن نېمىنى خالىسىلىرى شۇنى ئالسىلا. بۇ يەردە بۇقىلىرىم، ئوتۇن ئۈچۈن خامان تېپىدىغان ياغاچ تاختا ۋە بويۇنتۇرۇقلار تۇرۇپتۇ.


ئەتىسى خەلق سەھەر تۇرۇپ، شۇ يەردە بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىشتى.


شۇنىڭ بىلەن ئېلىشا كەتتى. ئۇ بىر جۈپ ئۆكۈزىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆكۈزنىڭ جابدۇقلىرى بىلەن گۆشىنى پىشۇرۇپ، جامائەتكە تارقىتىپ بەردى. جامائەت گۆشلەرنى يېيىشتى. ئاندىن ئۇ ئىلياسقا ئەگەشتى ۋە ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولدى.


داۋۇت خاماندا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى سېلىپ، كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇندى. پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە زېمىنى ئۈچۈن قىلىنغان دۇئالارنى قوبۇل قىلدى. شۇنداق قىلىپ، ۋابا ئىسرائىللار ئارىسىدىن يوقالدى.


گاد پەيغەمبەر شۇ كۈنى داۋۇتنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: _ سىلى يىبۇسلاردىن بولغان ئاراۋنانىڭ خامىنىغا بېرىپ، ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى سالسىلا، _ دېدى.


ئۇ ماڭا: «ماڭا ئىجازەت بەرگىن، چۈنكى ئۇ شەھەردە ئۇرۇق-جەمەتىمىز بىلەن بىرگە قۇربانلىق قىلاتتۇق، ئاكام بېرىشىمنى بۇيرۇغانىدى. ماڭا ئىلتىپات كۆرسىتىپ، ئاكىلىرىم بىلەن كۆرۈشۈشۈمگە ئىجازەت بەرگىن» دېدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇ پادىشاھىمىز بىلەن ھەمداستىخان بولالمىدى.


شۇ چاغدا سائۇل ئېتىزلىقىدىن چىقىپ، ئۆكۈزلىرىنى ھەيدەپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ: «خەلق نېمە ئۈچۈن يىغلىشىدۇ؟» دەپ ئەتراپىدىكىلەردىن سورىدى، ئۇلار ئۇنىڭغا يابېشتىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ خەۋىرىنى ئېيتتى.


ئاندىن بۇ قورام تاش ئۈستىدە پەرۋەردىگارىڭ خۇداغا ئاتاپ مۇۋاپىق بىر قۇربانلىق سۇپىسىنى ياساپ، ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىنى ئوتۇن قىلىپ، ھېلىقى بۇقىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىل، _ دېدى.


توپىدىن مەن ئۈچۈن بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنى كۆيدۈرۈڭلار. مەن سىلەرنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن بەلگىلەپ بەرگەن جايلارغا كېلىپ، سىلەرگە بەخت ئاتا قىلىمەن.


بەيت-شەمەش ئاھالىسى جىلغىدا ئورما ئورۇۋاتاتتى. ئۇلار باشلىرىنى كۆتۈرگەندە ئەھدە ساندۇقىنى كۆرۈپ، شادلىققا چۆمدى.


ئالتۇن چاشقانلارنىڭ سانى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەش بېگىگە تەۋە سېپىللىرى مۇستەھكەم شەھەرلەر ۋە ئۇلارغا تەۋە يېزا-قىشلاقلارنىڭ سانى بىلەن ئوخشاش ئىدى. بەيت-شەمەشلىك يوشۇۋانىڭ ئېتىزىدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى قويۇلغان ھېلىقى چوڭ قورام تاش شۇنىڭدىن بېرى بۇ ئىشلارغا گۇۋاھ بولۇپ، ئۆز ئورنىدا تۇرماقتا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite