Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 6:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ھارۋىغا باستى، ئۆسمىلەر بىلەن چاشقانلارنىڭ ئالتۇن ھەيكەللىرى سېلىنغان ساندۇقنى ئۇنىڭ يېنىغا قويدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 6:11
7 Referans Kwoze  

ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئابىنادابنىڭ ئۆيىدىن كۆتۈرۈپ چىقىپ، يېڭى بىر ھارۋىنىڭ ئۈستىگە قويدى. ئۇززا ۋە ئاخىيو ھارۋىنى ھەيدەپ ماڭدى.


ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كىچىكرەك بىر تاغ ئۈستىدىكى ئابىنادابنىڭ ئۆيىدىن كۆتۈرۈپ چىقىپ، يېڭى بىر ھارۋىنىڭ ئۈستىگە قويدى. ئابىنادابنىڭ ئوغۇللىرى بولغان ئۇززا ۋە ئاخىيو ھارۋىنى ھەيدەپ ماڭدى.


پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنىڭ تېنىنى يىرىڭلىق چاقىلارغا گىرىپتار قىلغاندەك، سىلەرنىمۇ يىرىڭلىق چاقىلارغا گىرىپتار قىلىدۇ. ئۆسمە ۋە قوتۇرغا مۇپتىلا بولىسىلەر، بۇ كېسەللەرگە داۋا تاپالمايسىلەر.


_ گۇناھىمىزنى يۇيۇش ئۈچۈن نېمە بەرسەك بولار؟ _ دەپ سوراشتى فىلىستىيەلىكلەر. ئۇلار مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىشتى: _ گۇناھىڭلارنى يۇيۇش ئۈچۈن سىلەر ئۆز بېگىڭلارنىڭ سانىغا ئاساسەن ئالتۇندىن بەش دانە ئۆسمىنىڭ ۋە بەش دانە چاشقاننىڭ ھەيكىلىنى قۇيدۇرۇڭلار. چۈنكى ئوخشاش بالايىئاپەت سىلەرگىمۇ، سىلەرنىڭ بېگىڭلارغىمۇ كەلدى.


فىلىستىيەلىكلەر ھەممىنى ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك قىلدى. يېقىندىلا موزايلىغان، بويۇنتۇرۇق سېلىنىپ باقمىغان ئىككى ئىنەكنى ھارۋىغا قېتىپ، موزايلىرىنى ئۆيگە سولاپ قويدى.


ئىنەكلەر بەيت-شەمەشكە بارىدىغان يولغا چۈشۈپ، يا سولغا، يا ئوڭغا بۇرۇلماي، ياكى توختىماي، مۆرىگەن پېتى ئۇدۇل ماڭدى. فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەش نەپەر بېگىمۇ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن تاكى بەيت-شەمەش چېگراسىغىچە كەلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite