10 فىلىستىيەلىكلەر ھەممىنى ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك قىلدى. يېقىندىلا موزايلىغان، بويۇنتۇرۇق سېلىنىپ باقمىغان ئىككى ئىنەكنى ھارۋىغا قېتىپ، موزايلىرىنى ئۆيگە سولاپ قويدى.
بىراق ياقۇپ: _ سىلى بىلىلا، بالىلىرىم يول ئازابىدىن بەك ئاجىزلاپ كەتتى، موزاي، قوزىلارمۇ تېخى سۈتتىن ئايرىلمىدى. مەن ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىم كېرەك. ئەگەر بىز يەنە بىر كۈنلا ماڭساق، ھەممە كالا، قويلىرىمىز ھالاك بولىدۇ.
ئاندىن قاراپ تۇرۇڭلار، ئەگەر ھارۋا ئىسرائىللارنىڭ بەيت-شەمەش شەھىرىگە بارىدىغان يول بىلەن ماڭسا، بۇ بالايىئاپەتنى ئەۋەتكۈچى ئىسرائىللارنىڭ خۇداسى ئىكەن، دەپ بىلىمىز. ئەگەر ھارۋا ئۇ يول بىلەن ماڭمىسا، دېمەك، بىزنى جازالىغۇچى ئىسرائىللارنىڭ خۇداسى ئەمەس، بەلكى بۇ بىر تاسادىپىيلىق ئىكەن، دەپ بىلىمىز.
ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ھارۋىغا باستى، ئۆسمىلەر بىلەن چاشقانلارنىڭ ئالتۇن ھەيكەللىرى سېلىنغان ساندۇقنى ئۇنىڭ يېنىغا قويدى.
يەتتىنچى قېتىمدا خىزمەتكار: _ ئەنە، ئالىقانچىلىك كېلىدىغان كىچىك بىر بۇلۇت دېڭىزدىن كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ، _ دېدى. ئىلياس ئۇنىڭغا: _ ئەمدى سەن بېرىپ، ئاخابقا: «يامغۇردا توسۇلۇپ قالماسلىقىڭ ئۈچۈن، ھارۋاڭنى قېتىپ، تاغدىن چۈش» دېگىن، _ دېدى.