سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 5:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى9 ئەمما ئۇلار ئۇنى يۆتكىگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ ئېغىر جازاسى ئۇ يەردىكىلەرنىڭمۇ بېشىغا چۈشتى، پۈتۈن شەھەرنى ۋەھىمە باستى. پەرۋەردىگار شەھەر ئاھالىسىنىڭ قېرى-ياش ھەممىسىنى ئۆسمە بىلەن جازالىدى. Gade chapit la |
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ھەممە بەگلىرىنى يەنە چاقىرىپ، ئۇلارغا: _ ئىسرائىللارنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بۇ يەردىن ئۆز تەۋەلىكىگە ئاپىرىۋېتىڭلار! بولمىسا ئۇ بىزنىڭ ۋە خەلقىمىزنىڭ جېنىغىمۇ زامىن بولغۇدەك، _ دېيىشتى. خۇدا نۇرغۇن ئادەملەرنى ھالاك قىلغانلىقى ئۈچۈن، پۈتۈن شەھەردە ئۆلۈم ۋەھىمىسى ھۆكۈم سۈرەتتى.