7 بۇلارنى كۆرگەن ئاشدودلۇقلار: _ ئىسرائىللارنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقى بىزدە تۇرمىسۇن. چۈنكى ئۇ بىزنى ۋە ئىلاھىمىز داگوننى قاتتىق جازالىدى، _ دېيىشتى.
مىسىرلىقلار ئىسرائىللارنى ئۆز يۇرتىدىن چاپسان كېتىشكە ئالدىراتتى. ئۇلار: _ سىلەر چىقىپ كەتمىسەڭلار، بىز ئۆلۈپ تۈگەيدىكەنمىز، _ دېيىشتى.
موئاب، سەن ئۆزۈڭنىڭ كۈچ-قۇدرىتىڭگە ۋە بايلىقىڭغا بەك ئىشىنىپ كەتتىڭ، لېكىن سەنمۇ ئەسىرلىككە ئېلىنىسەن. بۇت ئىلاھىڭ كىموش ۋە ئۇنىڭ روھانىيلىرى، خىزمەتكارلىرى بىرلىكتە سۈرگۈن قىلىنىدۇ.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «مەن نوئامون شەھىرىنىڭ ئىلاھى ئاموننى جازالايمەن. مىسىر ۋە ئۇنىڭ بۇت ئىلاھلىرىنى، پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ خانىدانلىقىنى، شۇنداقلا پىرئەۋنگە تايانغان بارلىق كىشىلەرنى جازالايمەن.
ئالدىنقى قېتىم سىلەر ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ باقمىدىڭلار. بىزمۇ پەرۋەردىگارىمىز خۇدادىن ئەھدە ساندۇقىنى قانداق كۆتۈرۈپ، ئېلىپ كېلىشىمىزنى سوراپ باقمىدۇق. شۇڭا پەرۋەردىگار بىزگە غەزەپ قىلدى.
شۇ كۈنى داۋۇت پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ: «پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىغا قاراش ۋەزىپىسىنى قانداق قىلىپ ئۈستۈمگە ئالالايمەن؟» دەپ ئويلىدى.
بەيت-شەمەشلىكلەر: «پەرۋەردىگار، يەنى بۇ مۇقەددەس خۇدانىڭ ئالدىدا كىممۇ ئۆلمەي، تىك تۇرالار؟ ئەھدە ساندۇقى ئەمدى بۇ يەردىن قەيەرگە ئاپىرىلىشى كېرەك؟» دەپ نالە-پەرياد قىلىشتى.
ئەمدى بىزنى كىممۇ بۇ قۇدرەتلىك ئىلاھلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزالايدۇ؟ مىسىرلىقلارغا چۆل-باياۋاندا تۈرلۈك بالايىئاپەتلەر چۈشۈرگەنلەر ئاشۇ ئىلاھلار ئەمەسمىدى؟
ئەمەلدارلار پىرئەۋنگە: _ ئالىيلىرى، بۇ ئادەمنىڭ بىزگە ۋەيرانچىلىق سېلىشىغا قاچانغىچە يول قويىدىلا؟ ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان خۇداسىغا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن بېرىشىغا يول قويسىلا! مىسىرنىڭ خاراب بولغانلىقىدىن خەۋەرلىرى يوقمۇ؟ _ دېدى.
مەن ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىڭلار. بىزگە بۇ ھەيۋەتلىك گۈلدۈرماما ۋە مۆلدۈرلەر يېتەر. مەن سىلەرنىڭ كېتىشىڭلارغا يول قوياي. سىلەر ئەمدى بۇ يەردە تۇرمىساڭلارمۇ بولىدۇ، _ دېدى.
پىرئەۋن ئۇنىڭغا: _ چۆل-باياۋانغا بېرىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا قۇربانلىق قىلىشىڭلارغا ئىجازەت بېرەي، لېكىن ئانچە يىراققا كەتمەڭلار. مەن ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىڭلار، _ دېدى.
پىرئەۋن مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ، مۇساغا: _ پەرۋەردىگاردىن پاقىلارنى مەندىن ۋە مىسىر خەلقىدىن يىراقلاشتۇرۇشنى تىلەپ دۇئا قىل. شۇندىلا خەلقىڭنىڭ پەرۋەردىگارىغا قۇربانلىق قىلىشى ئۈچۈن بېرىشىغا يول قويىمەن، _ دېدى.
پەرۋەردىگارنىڭ جازاسى ئاشدود ئاھالىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاق ئاھالىسىنىڭ بېشىغا چۈشتى. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىگە ئۆسمە پەيدا قىلىپ، ئۇلارنى ئازابلىدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ھەممە بەگلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلاردىن: _ ئىسرائىللارنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قانداق قىلساق بولار؟ _ دەپ مەسلىھەت سوراشتى. _ ئۇنى گاتقا يۆتكىۋېتەيلى! _ دەپ جاۋاب بېرىشتى ئۇلار. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى گات شەھىرىگە يۆتكىدى.