Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 5:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 پەرۋەردىگارنىڭ جازاسى ئاشدود ئاھالىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاق ئاھالىسىنىڭ بېشىغا چۈشتى. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىگە ئۆسمە پەيدا قىلىپ، ئۇلارنى ئازابلىدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 5:6
13 Referans Kwoze  

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ھەممە بەگلىرىنى يەنە چاقىرىپ، ئۇلارغا: _ ئىسرائىللارنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بۇ يەردىن ئۆز تەۋەلىكىگە ئاپىرىۋېتىڭلار! بولمىسا ئۇ بىزنىڭ ۋە خەلقىمىزنىڭ جېنىغىمۇ زامىن بولغۇدەك، _ دېيىشتى. خۇدا نۇرغۇن ئادەملەرنى ھالاك قىلغانلىقى ئۈچۈن، پۈتۈن شەھەردە ئۆلۈم ۋەھىمىسى ھۆكۈم سۈرەتتى.


ئەمدى خۇدا سېنى جازاغا تارتىدۇ! كۆزلىرىڭ كور بولۇپ، بىر مەزگىل كۈننىڭ يورۇقىنى كۆرەلمەيسەن! - دېدى. شۇئان، ئەلىماس كۆزلىرىنى بىر قارا تۇمان توسقانلىقىنى سەزدى. ئۇ قوللىرىنى ئۇزىتىپ، باشقىلارنىڭ يېتەكلىشىنى ئۆتۈندى.


ئى پەرۋەردىگار، كېچە-كۈندۈز جازالىشىڭ ئېغىر كەلدى ماڭا، ئىلىكلىرىم قۇرۇپ كەتتى، قۇرۇپ كەتكەن سۇ كەبى تومۇزدا. سېلاھ


پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنىڭ تېنىنى يىرىڭلىق چاقىلارغا گىرىپتار قىلغاندەك، سىلەرنىمۇ يىرىڭلىق چاقىلارغا گىرىپتار قىلىدۇ. ئۆسمە ۋە قوتۇرغا مۇپتىلا بولىسىلەر، بۇ كېسەللەرگە داۋا تاپالمايسىلەر.


سېنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويايكى، چارۋا ماللىرىڭنىڭ ھەممىسىنى، يەنى ئات، ئېشەك، تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلىرىڭنى ۋاباغا دۇچار قىلىمەن.


مەغلۇپ قىلىپ چېكىندۈردى رەقىبلىرىنى، مەڭگۈگە رەسۋا قىلىپ ئۇلارنى.


بۇلارنى كۆرگەن ئاشدودلۇقلار: _ ئىسرائىللارنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقى بىزدە تۇرمىسۇن. چۈنكى ئۇ بىزنى ۋە ئىلاھىمىز داگوننى قاتتىق جازالىدى، _ دېيىشتى.


ئەجەبا ئادالەتسىزلەرگە ئاپەت، رەزىللەرگە بالا-قازا بەرمەسمۇ؟


ئەمما ئۇلار ئۇنى يۆتكىگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ ئېغىر جازاسى ئۇ يەردىكىلەرنىڭمۇ بېشىغا چۈشتى، پۈتۈن شەھەرنى ۋەھىمە باستى. پەرۋەردىگار شەھەر ئاھالىسىنىڭ قېرى-ياش ھەممىسىنى ئۆسمە بىلەن جازالىدى.


قوغدار پەرۋەردىگار ئۆزىنى سۆيگەنلەرنى، ئەمما ھالاك قىلار بارلىق پاسىقلارنى.


پەرۋەردىگار يۆلەپ كۆتۈرەر ئاجىزلارنى، ئۇ يەرگە ئۇرار پاسىق-رەزىللەرنى.


ئاچارچىلىق شۇنداق قاتتىق بولىدۇكى، كىشىلەر بۇرۇنقى باياشات يىللىرىنى قايتا ئېسىگە ئالالمايدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite