3 ئاشدودلۇقلار ئەتىسى سەھەردە داگون بۇتىنىڭ يىقىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا يەردە يۈزىچىلاپ ياتقانلىقىنى كۆردى. ئۇلار داگوننى ئېلىپ، جايىغا تۇرغۇزۇپ قويدى.
بۇ مىسىر توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: قاراڭلار! پەرۋەردىگار مىسىرغا ئۇچقۇر بۇلۇتقا مىنىپ كېلىدۇ. مىسىرنىڭ بۇتلىرى تىترىشىدۇ، مىسىرلىقلارنىڭ يۈرەكلىرى قورققىنىدىن سۇ بولۇپ كېتىدۇ.
ئۇلار بۇ بۇتنى مۈرىلىرىگە ئېلىپ كۆتۈرۈشۈپ، ئۇنى بىر جايغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، بۇ بۇت شۇ جايدا قىمىرلىماي تۇرىدۇ. بىركىم ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلسا، ئۇ جاۋاب قايتۇرمايدۇ. ئۇ ھېچكىمنى ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن قۇتقۇزالمايدۇ.
پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئالاقزادە قىلىۋېتىدۇ ۋە دۇنيادىكى ساختا ئىلاھلارنى يوقىتىدۇ. ئاندىن دۇنيادىكى ھەربىر خەلق ئۆز تۇپرىقىدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدۇ.
قاچانلا بولمىسۇن، جىن چاپلىشىۋالغانلار ھەزرىتى ئەيسانى كۆرسە، ئۇنىڭ ئايىغىغا باش قويۇپ: «سەن خۇدانىڭ ئوغلىسەن!» دەپ ۋارقىرىشاتتى.
بۇ ئەللەرنىڭ ئادەملىرى ئەخمەق ھەم دۆتتۇر، ئۇلار ياغاچ بۇتلاردىن نېمىنى ئۆگىنەلەيدۇ؟
ئۇستىكارلار زەرگەرلەرنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، تۆمۈرچىلەر بازغانچىلارنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، ‹ياخشى سوقتۇڭ!› دەپ ماختىشىدۇ. ئۇلار بۇتنى يىقىلىپ كەتمىسۇن دەپ، ئاۋايلاپ مىخلايدۇ.
بۇنداق بۇتنى سېتىۋالالمىغان كىشى چىداملىق ياغاچنى تاللاپ، ئويمىكار ئۇستامنى ئىزدەپ، تىك تۇرالايدىغان بۇتنى ياسايدۇ.
شەرمەندىلىكتە قالار ئاخىر بۇتپەرەسلەر، ئەرزىمەس بۇتلىرىنى ماختىغانلار. پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلار بارلىق «ئىلاھلار».
بۇ كېچىسى مەن پۈتۈن مىسىرنى كېزىپ يۈرۈپ، مەيلى تۇنجى تۇغۇلغان ئوغۇل ياكى تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك مال بولسۇن، ھەممىسىنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرىنى ئۆلتۈرىمەن. مىسىرنىڭ بارلىق ئىلاھلىرىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىمەن چۈنكى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
سىلەر جەزمەن ئۆسمىلەر ۋە يۇرتۇڭلاردا ۋەيرانچىلىق چىقارغان چاشقانلارنىڭ ھەيكەللىرىنى قۇيدۇرۇڭلار ۋە شۇ تەرىقىدە ئىسرائىللارنىڭ خۇداسىغا ئىززەت-ھۆرمىتىڭلارنى بىلدۈرۈڭلار. ئەنە شۇنداق قىلساڭلار، بەلكىم ئۇ سىلەرگە، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلارغا ۋە يۇرتۇڭلارغا كەلگەن بالايىئاپەتنى توختىتار.
پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ زېمىنىدا يەتتە ئاي تۇرغاندىن كېيىن،
ئۇلار ئۆزلىرىگە بېرىلگەن بۇقىنى ئەكېلىپ تەييار قىلدى. ئاندىن ئەتىگەندىن چۈشكىچە بائالنىڭ نامىغا ئىلتىجا قىلىپ: _ ئى بائال، بىزگە جاۋاب بەرگەيسەن! _ دېيىشتى. لېكىن ھېچقانداق سادا چىقمىدى، ھېچكىممۇ جاۋاب بەرمىدى. ئۇلار ئۆزلىرى سالغان قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئەتراپىدا ئۇسسۇل ئويناشتى.
قوللىرى بولسىمۇ، ئۇلار تۇتالماس، پۇتلىرى بولسىمۇ، ماڭالماس. كانايلىرىدىن ئاۋاز چىقىرالماس.