Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 5:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 ئۆلمەي قالغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆسمە كېسىلىنىڭ ئازابىنى تارتماقتا ئىدى. شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئاھ-پەريادلىرى كۆككە كۆتۈرۈلگەنىدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 5:12
9 Referans Kwoze  

ئۇ كېچە پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ھەمدە پۈتۈن خەلق ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، قاتتىق يىغا-زار قىلىشتى. چۈنكى ئادەم ئۆلمىگەن بىرمۇ ئائىلە يوق ئىدى.


ئاشۇ كۈنى سىلەر خۇددى شىردىن قۇتۇلۇپ، ئېيىققا يولۇققان ئادەمگە، ياكى ئۆيگە ساق قايتىپ كېلىپ، تامغا يۆلىنىشىگىلا قولىنى يىلان چېقىۋالغان ئادەمگە ئوخشاپ قالىسىلەر.


خورونايىم شەھىرىدىن كېلىۋاتقان يىغا ئاۋازىنى ئاڭلاڭلار. ئۇلار ‹ۋەيران بولدۇق، ھالاك بولدۇق!› دەپ يىغلايدۇ.


بۇ ئەللەرنىڭ سەركىلىرى قايغۇرۇپ نالە-پەرياد قىلسۇن! بۇ خەلقلەرنىڭ يولباشچىلىرى چاڭ-توزانلارغا مىلىنىپ ياتسۇن! چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرۈلىدىغان ۋاقتى كەلدى. ئۇلار يىقىلىپ چۈشۈپ، خۇددى ئېسىل چىنىدەك سۇنىدۇ.


«يەھۇدىيە قايغۇ-ھەسرەت چېكىدۇ، ئۇنىڭ شەھەرلىرى سەكراتقا چۈشىدۇ. ئۇنىڭ پۇقرالىرى ئازابلىنىپ ياتىدۇ، يېرۇسالېم ياردەم سوراپ نالە قىلىدۇ.


خازائېلنىڭ قىلىچىدىن قۇتۇلۇپ قالغان ھەرقانداق كىشىنى يېھۇ ئۆلتۈرىدۇ، يېھۇنىڭ قىلىچىدىن قۇتۇلۇپ قالغان ھەرقانداق كىشىنى ئېلىشا ئۆلتۈرىدۇ.


«ئەتە مۇشۇ ۋاقىتتا مەن سېنىڭ يېنىڭغا بىنيامىن زېمىنىدىن بىر ئادەم ئەۋەتىمەن. سەن ئۇنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى خەلقىم ئىسرائىللارغا باش قىلىپ تەيىنلىگىن. ئۇ خەلقىمنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ. مەن خەلقىمنىڭ ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇلارنىڭ داد-پەريادى ماڭا يەتتى.»


پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ زېمىنىدا يەتتە ئاي تۇرغاندىن كېيىن،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite