Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 5:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ھەممە بەگلىرىنى يەنە چاقىرىپ، ئۇلارغا: _ ئىسرائىللارنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بۇ يەردىن ئۆز تەۋەلىكىگە ئاپىرىۋېتىڭلار! بولمىسا ئۇ بىزنىڭ ۋە خەلقىمىزنىڭ جېنىغىمۇ زامىن بولغۇدەك، _ دېيىشتى. خۇدا نۇرغۇن ئادەملەرنى ھالاك قىلغانلىقى ئۈچۈن، پۈتۈن شەھەردە ئۆلۈم ۋەھىمىسى ھۆكۈم سۈرەتتى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 5:11
7 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگارنىڭ جازاسى ئاشدود ئاھالىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاق ئاھالىسىنىڭ بېشىغا چۈشتى. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىگە ئۆسمە پەيدا قىلىپ، ئۇلارنى ئازابلىدى.


شۇ سەۋەبتىن ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئەقرون شەھىرىگە يۆتكىدى. خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۇ يەرگە ئېلىپ كېلىنگەندە، ئەقرونلۇقلار: _ ئۇلار بىزنى ۋە پۈتكۈل خەلقىمىزنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئىسرائىللارنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىشتى، _ دەپ داد-پەرياد كۆتۈرۈشتى.


سىلەر جەزمەن ئۆسمىلەر ۋە يۇرتۇڭلاردا ۋەيرانچىلىق چىقارغان چاشقانلارنىڭ ھەيكەللىرىنى قۇيدۇرۇڭلار ۋە شۇ تەرىقىدە ئىسرائىللارنىڭ خۇداسىغا ئىززەت-ھۆرمىتىڭلارنى بىلدۈرۈڭلار. ئەنە شۇنداق قىلساڭلار، بەلكىم ئۇ سىلەرگە، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلارغا ۋە يۇرتۇڭلارغا كەلگەن بالايىئاپەتنى توختىتار.


ئەمەلدارلار پىرئەۋنگە: _ ئالىيلىرى، بۇ ئادەمنىڭ بىزگە ۋەيرانچىلىق سېلىشىغا قاچانغىچە يول قويىدىلا؟ ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان خۇداسىغا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن بېرىشىغا يول قويسىلا! مىسىرنىڭ خاراب بولغانلىقىدىن خەۋەرلىرى يوقمۇ؟ _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite